لىۋىيە تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئاخىرقى ئۆزگىرىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (28)

1452487
لىۋىيە تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئاخىرقى ئۆزگىرىش

لىۋىيە تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئاخىرقى ئۆزگىرىش

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە،  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيە تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئاخىرقى ئۆزگىرىش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيەنىڭ  لىۋىيە مەسىلىسىگە لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) گە پايدىلىق بىر شەكىلدە ئارىلىشىشى بىلەن،  لىۋىيەدە پۈتكۈل تەڭپۇڭلۇق ئۆزگىرىپ، ھەم ھەربىي، ھەم سىياسىي تەرەققىياتلار داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسى قوللاۋاتقان لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى، سىرتە ۋە جۇفرا شەھەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن تەييارلىقتىن كېيىن، رايون ئەتراپىغا جايلىشىش بىلەن بىرگە، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىقمۇ قىسىملىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا. يەنە بىر تەرەپتە ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلار بولسا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئارقىلىق جۇفراغا يۆتكىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن باشقا يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەبلىغى بىلەن ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە قوراللىقلارنى رايونغا يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق ھەربىي نۇقتىدىن قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.

يېڭى ھەربىي ئۆزگىرىشلەردىن باشقا يەنە، لىۋىيەنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن ھەرىكەتچانلىق بولماقتا. تۈركىيەدىن باشقا، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەمۇ بوي كۆرسىتىۋاتقان بولسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مىسىردىكى ھەربىي ئىسيانچى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ئوچۇق ھالدا لىۋىيەدىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ يۈرمەكتە.

لىۋىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ يۆنۈلىشى، تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىشى ۋە لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىغا قىلغان ياردىمى بىلەن ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ھافتەرنى قوللايدىغان ئاكتىيورلار بىۋاسىتە ۋەزىيەتكە ئارىلىشىش ئىزدىنىشىگە مەجبۇر بولغاندەك قىلىدۇ. رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن شەكىللەنگەن بۇ بىرلەشمە، (گەرچە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئوخشاشمايدىغان بولسىمۇ) لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىنىڭ ھافتەرنى پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىپ، پۈتكۈل لىۋىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارقىمۇ ئارقىدىن بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا.

ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىسى دىپلوماتىيە ئۈستىلىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر مەزگىل بولسىمۇ ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتى يارىتىش ئارقىلىق ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزۇپ قىلىشتىن ئىبارەت بولماقتا. بۇ مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ساندا ئۇرۇش ئايروپىلانى يۆتكىشى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن لىۋىيەدىكى بىرىنچى سەپكە قوراالىقلارنى يۆتكىشى نەتىجىسىدە، ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ چېكىنىشى ھازىرچە توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەنە، لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى ۋاتتىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قانچىلىك ئىرادىلىك ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىزھارى بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتلەر ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە نېفىت ھىلالى بىلەن بىرگە، سىرتە ۋە جۇفرا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىشماقتا. تۈركىيە بولسا، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ لىۋىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈزگەن بىر قىسىم كېلىشىملىرىمۇ ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.  

تۈركىيە ئەلۋەتتە دىپلوماتىيە ئارقىلىق لىۋىيەدە پۇرسەت ياراتماقچى ۋە دەسلەپتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، ئاندىن سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  تىرىشچانلىقىدا بولماقتا. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن 2015 - يىلى ماراكەشتە ئىمزالانغان سۇخەيرات كېلىشىمى بولسا، بارلىق كۈچلەرنىڭ چېكىندۈرۈلۈشىنى، يەنى سىرتە ۋە جۇفرا قاتارلىق ئىككى ھالقىلىق رايوننىڭ لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

قانداقلا بولمىسۇن، تەرەپلەرنىڭ بۇ نۇقتىدىن كېلىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىنىڭ سىرتەنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر