رۇسىيەدىكى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى

ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى (28)

1451462
رۇسىيەدىكى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى

رۇسىيەدىكى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى

ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى (28)

ئابدىرەسۇل  ئىساكوۋ

«ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، رۇسىيەدىكى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى ئۈستىدە توختىلىمىز.

***** ***** *** **** *** *****

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 1 -كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 1 -كۈنى دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق يۇقۇم سەۋەبىدىن 25 - ئىيۇندا بېلەت تاشلاش باشلاندى. بېلەت تاشلاشقا %65 سايلىغۇچى قاتناشتى. رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قاتناشقان رۇسىيەلىكلەرنىڭ %77.92 ى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قوللىغان. رايونلار بويىچە پۇتىننىڭ يېقىن ئەمەلدارلىرىدىن رامازان قادىروۋنىڭ باشقۇرۇشىدىكى چېچىنىيە بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ يۇرتى تۇۋا ئەڭ يۇقىرى قوللاپ بېلەت تاشلىغان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەرگە ئايلاندى. رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، رېفېراندۇمدا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.

رېفېراندۇم ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ 22 – ماددىسىغا جەمئىي 206 تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. رېفېراندۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى شەك - شۈبھىسىزكى، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىككى قېتىم پىرېزىدېنت بولۇشىغا يول ئېچىلىشى بولدى. رۇسىيە پارلامېنتى بىلەن بىرگە پىرېزىدېنتنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىمۇ رېفېراندۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر سايىسىدا تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىچىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە رۇسلاردىن قالسىلا ئەڭ كۆپ سانلىق بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەسمىي تىلى، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى خەلقى رۇسلار بولغانلىقتىن، رۇس تىلى بولىدىغانلىقى ئاساسىي قانۇندا ئالاھىدە تەكىتلەندى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاز سانلىققا ئايلانغان ۋە تىلى يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى قوغداش تېخىمۇ تەسكە توختايدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، چار رۇسىيە دەۋرىدىن باشلاپلا رۇسىيەدىكى تۈرك يۇرتلىرىدا رۇسچە ئىشلىتىش بېسىمى ئومۇملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. دۆلەتنىڭ «قۇرغۇچى خەلقى رۇسلار بولغانلىقتىن» دېگەن سۆزنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشىنىمۇ، فېدېراتسىيەدىكى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا ھەسسە قوشىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ئاپتونوم رايونلارنى قوشنا رايونلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش مەسىلىسى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەر بولسا، مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە مۇھىم ئاساس بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، ئۆتكەن يىلى يامالو-نېنېتس ئاپتونوم رايونىنى قوشنا ئارخانگېلسك رايونى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كۈنتەرتىپكە كەلگەندە، يامالو-نېنېتس خەلقىنىڭ %55.25 ى رەت ئاۋازى بەرگەن ئىدى.

 رۇسىيە يەنە بۇ قېتىمقى رېفېراندۇم ئارقىلىق قىرىمنى قوشۇۋېلىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكچى بولدى. ئەمما قىرىمنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇكرائىنانىڭ زېمىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەت بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

غەرب دۆلەتلىرى رېفېراندۇم ھەققىدە سەلبىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. لېكىن غەربنىڭ رېفېراندۇمغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ رۇسىيەنى ئەندىشىگە سالمىغانلىقى ئېنىق. رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش سابىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ئىتتىپاقلىقلارنى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي سىستېمىسى كىرېمل سارىيىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئورۇندىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، رۇسىيەدىكى رېفېراندۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ۋەدە قىلمايدۇ. رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان پايدىسىز ئۆزگىرىشلەردىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشى زۆرۈر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر