تۈركىيەدىكى تېببىي ئۆسۈملۈكلەر

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەدىكى تېببىي ئۆسۈملۈكلەر» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1450454
تۈركىيەدىكى تېببىي ئۆسۈملۈكلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ دورىلىق ۋە خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دورىلىق ۋە خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەر - كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقنى ئاسراش ياكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورتاق نامى.

ئېكولوگىيىلىك شارائىتى سايىسىدا نۇرغۇن ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ئانا يۇرتىغا ئايلانغان تۈركىيە، دورىلىق ۋە خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ ئىنتايىن باي بىر ماكان.

تۈركىيەدە تەبىئەتتىن توپلانغان تەخمىنەن 100 خىل ئۆسۈملۈك باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تەخمىنەن 20 خىل دورىلىق ۋە خۇشپۇراق ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلىرى تېتىتقۇ، كۆكنار، مۇچ، چاي، ئانانىس، زىرە، ئاداچېيى قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە تېتىتقۇ، زىرە، كۆكنار ئېكسپورتىدا تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يىلىغا تەخمىنەن 4 مىڭ توننىدىن 7 مىڭ توننىغىچە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان تۈركىيە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېتىتقۇ ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، 10 مىليون بىلەن 16 مىليون دوللار ئارىسىدا كىرىم قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر