لىۋىيەدىكى ئاچا يول

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (27)

1447662
لىۋىيەدىكى ئاچا يول

لىۋىيەدىكى ئاچا يول

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (27)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيەدىكى ئاچا يول» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **  *  **** * **** ****

 

لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى ئارقىمۇ-ئارقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرگەنلىكى مەلۇم. ئەمدىلىكتە تىرابلۇسنىڭ بىخەتەرلىكى تالاش – تارتىش قىلىنمايدىغان بولدى ۋە لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان تەھدىتلەر يوقالدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئاساسەن تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھۆكۈمەت، بىر تەرەپتىن قانۇنلۇق سالاھىتيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەيداندا يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلەتنى قايتىدىن تەشكىللەشكە تەييارلىق قىلماقتا.

ھافتەر قىسىملىرى ھۇجۇم ھالىتىدىن بىراقلا مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتتى ۋە مەيداندا تېخىمۇ كۆپ يەرلەرنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئاساسلىق نىشانىغا ئايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن ھافتەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭمۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان تەرەپتە بۇلۇش ئۈمىدى سۇغا چېلاشتى ۋە ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان تەرەپتە بولماسلىق ئۈچۈن ئامال بار زىيانلىرىنى ئازايتىشنىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن قويۇق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسىلىگە تۆۋەن سەۋىيەدە قاتناشقان ئامېرىكامۇ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  نى قوللاش ئۈچۈن بىر قەدەر ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشقا باشلىدى.

 

ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن لىۋىيەدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەت ۋە زېمىن كونتروللۇقى مەسىلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق خاراكتېرگە ئىگىدۇر. بىراق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قاياققا يۈزلىنىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېپىق ياكى ئوچۇق ئېلان قىلىشقان قىزىل سىزىقلىرى ۋە بۇ سىزىقلارنى قانداق يېڭىلايدىغانلىقىغا باغلىق. لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان ئەڭ مۇھىم كۈچ تۈركىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىقلار سىرتە بىلەن جۇفرانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ - ئەلۋەتتە. بۇ سىزىقلار ئۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە ئېنىق. ئەڭ مۇھىمى ھەربىي ئىسيانچى گۇرۇپپىلارنى ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى كونتىروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، لىۋىيە مىقياسىدا دۆلەت ھاكىمىتىنى قۇرۇپ چىقىش، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بۇ مەقسەتكە يېتىش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇزاكىرىلەر ھەر قانداق باسقۇچتا چەتكە قېقىلماي كەلمەكتە ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىنمۇ چېكىنمەي كەلمەكتە.

 

ھافتەرنىڭ مەيداندىكى مەغلۇبىيەتلىرىدىن كېيىن، ئەمدىلىكتە خۇسۇسىي ھالدا قىزىل سىزىق بەلگىلەش سالاھىيىتى قالمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەزكۇر قىزىل سىزىقلار قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق شەكىلدە سىزىلماقتا. مەسىلەن، رۇسىيە لىۋىيەدە رەسمىي ھەربىي مەۋجۇتلۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ۋاگنېرئارقىلىق شەكىللەندۇرگەن قۇرۇلمىلىرىدىن باشقا يەنە، لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) نىڭ سىرتە ۋە جۇفرانى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن تېخى يېقىندا ھافتەر ئۇنسۇرلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى يوللاپ بەردى.

فىرانسيە بولسا، كۆپلىگەن يىللاردىن بۇيان ھافتەرگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ پايدىسىنى ئالالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچ بولمىغاندا بىر قىسمىنى بولسىمۇ قۇتقۇزۇپ قىلىشنىڭ كويىدا ھەرىكەت قىلماقتا ۋە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھافتەرنىڭ چېكىندۈرۈلىشىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان تۈركىيەگە ئەيىبلەش خاراكتېرلىق تىل ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىكى مەقسەت تۈركىيەنى لىۋىيە مۇساپىسىدىن ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. فىرانسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىدە شەك-شۈبھىسىزكى، لىۋىيەدىن باشقا شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كۈچ تالىشىشتا قولدىن كەتكەن گىئوپولىتىلىق تەسىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، بۇ جەرياندا ئالدىنقى پىلانغا چىقماسلىققا ئۇرۇنۇپ، مىسىر ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى ئارقىلىق لىۋىيەدىكى زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ۋە تەڭ ئورۇندا تۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ نۇقتدا، مىسىرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېقىندىلىقىنىڭمۇ تەسىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ بىۋاسىتە پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى لىۋىيەنىڭ غەربىنى تولۇق  كونتروللۇقىغا ئالغاندىن كېيىن، سېرتە ۋە جۇفرانى ئېلىش ئۈچۈن «غەلىبە يولى ھەرىكىتى» نى باشلىغان 6 – ئىيۇندا، سىسى ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ھافتەر ۋە ئاقىلە سالىھ بىلەن بىرلىكتە قاھىرەگە يىغىلدى ۋە ئۇرۇش توختىتىش چىقىرىقى ئېلان قىلدى شۇنداقلا سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تەلەپ قىلدى. «قاھىرە خىتابنامىسى» نامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەكلىپ بارلىق ھافتەر قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  سىرتە ۋە جۇفرانى ئازاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى ۋە بۇ رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەييارلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشىغا قارشى سىسى 20 - ئىيۇندا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سىرتە ۋە جۇفرانى مىسىرنىڭ «قىزىل سىزىقى» ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ رايونلارنىڭ كونتىروللىقى تارتىۋىلىنغان تەقدىردە لىۋىيەگە مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.

ئەمدىكى نۇقتىدا لىۋىيە ۋە رايوندىكى كۈچ تەقسىماتىنىڭ قايتا شەكىللىنىشى چۇقۇمدۇر. ئالدىمىزدىكى كۈنلەر، لىۋىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۆزگىرىشلەرگە ھامىلدار. شۈبھىسىزكى، لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ- ئەلۋەتتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر