ماۋى (ھاۋا رەڭ) بايراق ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ماۋى (ھاۋا رەڭ) بايراق ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1445954
ماۋى (ھاۋا رەڭ) بايراق ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
mavi bayraklı fethiye.jpg
Türkiye mavi bayrak.jpg
TURKIYE MAVI BAYRAK.jpg
MAVI BAYRAK.jpg
mavi bayrak.jpg

تۈركىيەنىڭ 486 دانە ماۋى (ھاۋا رەڭ) بايراقلىق سۇ ئۈزگىلى بولىدىغان دېڭىز ساھىلىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ماۋى بايراق – سۇ ئۈزۈشكە مۇۋاپىق دېڭىز ساھىلى ۋە پورتلارغا خەلقئارا ئىناۋەتكە ئىگە مۇھىت مۇكاپىتىدۇر... بۇ مۇكاپات پەقەت دېڭىز ساھىللىرىغىلا ئەمەس، پورتلار ۋە ساياھەت پاراخوتلىرىغىمۇ بېرىلىدۇ. ماۋى بايراق، دېڭىز ساھىلى ۋە پورتلارنىڭ مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى، مۇھىت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش يولىدا پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، دېڭىز سۈيىنىڭ پاكىزلىقىنى، دېڭىز ساھىلى ياكى پورتلارنىڭ پايدىلانغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە لايىق سەپلىمە ۋە بىخەتەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگىندىكى خەلقئارا مۇھىت مائارىپى ۋەخپىنىڭ 2020 – يىللىق ماۋى بايراق مۇھاكىمىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيە، ئىسپانىيە ۋە گىرېتسىيەدىن قالسىلا دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ ماۋى بايراققا ئىگە ئۈچىنچى دۆلىتى بولدى... تۈركىيەدە بۇ يىللىق مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن دېڭىز ساھىلى 486 غا يەتتى، 22 پورت بىلەن 7 ساياھەت پاراخوتىمۇ ماۋى بايراق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. تۈركىيەنىڭ ماۋى بايراقلىق دېڭىز ساھىللىرى ۋە پورتلىرى ئانتاليا، مۇغلا، ئايدىن، ئىزمىر، بالىكەسىر، ئىستانبۇل، سامسۇن، چاناققەلئە، قىرقلارئەلى، كوجائەلى، دۈزجە، ئوردۇ، مەرسىن ۋە ۋان قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر