«بۈركۈت پەنچىسى»  ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (26)

1444566
«بۈركۈت پەنچىسى»  ھەرىكىتى

«بۈركۈت پەنچىسى»  ھەرىكىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (62)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان غەلىبە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ***** ***** ***** ***** ******

تۈركىيە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدە ۋە لىۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپتىن، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىدا تۈركىيە چېگراسىغا پاراللېل تاغلىقلاردا «بۈركۈت پەنچىسى» ناملىق ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىدى. تۈركىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى ھاۋادىن سەكرەپ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان نۇقتىلىق چوققىلارنى ئىگىلىدى. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىخەتەرلىك ھەرىكىتى بۇيرىقىغا بىنائەن چېگرا ھالقىپ، تەھدىت ۋە نىشانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تېرورلۇق تەشكىلاتىنى ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق ماكانلاشقان ئۇۋىلىرىدا بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىدى.

تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ماركسىزم ۋە لېنىنىزم ئىدىئولوگىيەسىگە ئىگە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK بىلەن كۈرەش قىلىپ كېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى بىخەتەرلىك بۇيرىقىغا بىنائەن ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتى. تۈركىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە، تەشكىلات ماكان تۇتقان چېگرا سىرتىدىكى رايونلار بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، تەھدىت تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يوقىتىش مەقسەت قىلىىنماقتا. بۇنىڭدا بولۇپمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ كەڭ رايونلىرىغا تارقىلىپ ئورۇنلىشىىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىماقتا. بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە ھەم PKK نىڭ رايون ئىشغالىيىتىنىڭ، ھەم چېگرا سىرتىدىكى تىرانسپورت ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە ئىچىدە تېرورلۇق ھۇجۇملارنى قىلىشقا ئاساس يارىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا بولۇپمۇ سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى»، «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ناملىق كەڭ – كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK نى بىۋاستە ئىراقتا ھۇجۇم نىشانى قىلدى. «قەتئى ئىرادە» ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان بۇ جەريان «پەنچە ھەرىكىتى» ۋە ئاخىرىدا «بۈركۈت پەنچىسى ھەرىكىتى» بىلەن داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلىرىغا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ تىرانسپورت ئۇل – ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشماقتا. ئۇندىن باشقا يەنە، رايوندىكى ئېگىز چوقىلارنى كونتىرۇللۇق ئاستىغا ئېلىپ، ئىراق-تۈركىيە ۋە ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدە تەشكىلاتنىڭ ئاسان ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. يەنە كېلىپ تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK نى قاندىل تېغىدا قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇجۇقتۇرۇش مەقسەت قىلىنماقتا.

بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەيداندىكى ئۈنۈملۈك ئىشتىخبارات ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىۋاشلىرى بىر تەرەپ قىلىنماقتا. تەشكىلاتنىڭ قوماندانلىق ۋە كونتروللۇق قۇرۇلمىسىنى بىتچىت قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ يەردە بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ياساپ چىققان قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ PKK تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى كۈرۈشلەرنى قىلالايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر