لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئاخىرىقى پەردە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (24)

1438420
لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئاخىرىقى پەردە

لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئاخىرىقى پەردە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (24)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان « تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەلىماتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق لىۋىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن پايتەخت تىرابلۇستا گېنېرال ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ، دېڭىز قىرغىقىدىكى سىرتە شەھىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇفرا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. گېنېرال ھافتەر بولسا، قاھىرەدە سىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا ھازىر مەيداندا مەۋجۇت ھەربىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.

لىۋىيە ئۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى قىسىملىرىغا بەرگەن ياردىمىنىڭ تەسىرى كۈندىن-كۈنگە ئۆزىنى تېخىمۇ بەك نامايان قىلماقتا. گېنېرال ھافتەر تۇنجى قېتىم مۇداپىئە ۋەزىيىتىگە ئۆتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تىرابلۇس ۋە مىسراتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، لىۋىيە ئارمىيىسىگە ھەربىي مەشىق ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى باشلىشى، يەنە كېلىپ، لىۋىيە ئارمىيەسىن ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىشى ئۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن بولۇپ ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلىرىدا ھاۋا ئۈستۈنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلار مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىنغان ۋە ئۇلار چكېنىشكە باشلىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھازىر توقۇنۇشنىڭ مەركىزىدە ئىككى ئىستراتېگىيەلىك شەھەر بار. دېڭىز قىرغىقىدىكى سىرتە ۋە مۇھىم بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇفرا.

بۇ ئىككى شەھەرنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان باشقا ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ نېفىت بايلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمىنى نېفىت ھىلالىغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم دەرۋازە بولغانلىقىدۇر. لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق لىۋىيە ئارمىيەسى بۇ رايونىنىمۇ كونتىرۇللۇق ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى باشلاشنى خالايدۇ. گېنېرال ھافتەر بولسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ قۇيغان ۋە ئېكسپورت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن ئىدى.  بۇ ئارقىلىق لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي بېسىم ئاسىتدا تۇتۇشنى ھەمدە تەخمىنەن 1.5 مىليون كۈپ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىلىشى توختىغاندىن كېيىن دۇنيا نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا  لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىمۇ ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارتىسى ئۈچۈن ئۈستەلدە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى سىرتە ۋە جۇفرا بىلەن بىرلىكتە نېفىت ھىلالىنىمۇ  ئالقىنىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

لىۋىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى  ھەربىي ئۆزگىرىشلەردىن باشقا يەنە سىياسىي ساھەدىمۇ  مۇھىم ئىلگىرىشلەر بولماقتا. ئەمدىلىكتە ، گېنېرال ھافتەرنى قوللاۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، رۇسىيە ، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى قىسىملىرىغا تېخىمۇ كۆپ رايون تارتقۇزۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى ، گېنېرال ھافتەرنىڭ ھەربىي مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ئوخشىمىغان ئاكتىيورلارنى ئىزدەشكە چۈشكەنلىكىدۇر. توبرۇكتا تۇرۇشلۇق ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاقىلە سالىھ بۇ جەھتتە ئالدىنقى پىلاندىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ بىرسىدۇر. تۈركىيە بولسا، بىر تەرەپتىن ھەربىي ۋە سىياسىي ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن روسىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتىن لىۋىيەدە ئورتاق پوزۇتسىيە بەلگىلەشكە تىرىشماقتا. ئامېرىكىنىڭمۇ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى   لىۋىيە سىياسىتىنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق شەكىلدە  ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. رۇسىيەنىڭمۇ شەرقتىكى ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكانى بىئارام قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر