تۇنجى تۈرك ئوپېراسىنىڭ ئىجادى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۇنجى تۈرك ئوپېراسى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1427957
تۇنجى تۈرك ئوپېراسىنىڭ ئىجادى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۇنجى تۈرك ئوپېراسىنىڭ مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئاتاتۈرك سەنئەت ۋە سەنئەتكارغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەسلەپكى يىللىرىدا ، سانائەت، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا سەنئەت ساھەسىدىمۇ زور خىزمەتلەر قىلىندى. 1934- يىلغا كەلگەندە ، ئاتاتۈرك ئوپېرا ئىجاد قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ تەلەپنىڭ بىر قىزىقارلىق سەۋەبى بار ئىدى. ئۆتمۈشتە ، ئەسىر بويىچە مەزھەپلەر پەرقى يۈزىسىدىن دۈشمەنلەرچە قوشنىدارچىلىق مۇناسۋىتى ئورنىتىلىپ كەلگەن ئىراننىڭ رەئىسى – شاھ رىزا پەھلەۋى، تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنغانىدى. زىيارەتنىڭ ۋاقتى جەزملەشكەندىن كېيىن، ئاتاتۈرك، ئىران شاھىنىڭ شەرىپىگە بىر كېچىلىك زىياپەت تەييارلىنىشىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئوپېرا ھازىرلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە تېمىسىنىمۇ ئۆزى بېكىتىپ بەردى. ئوپېرانىڭ تېمىسى، ئىران ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك پارس شائىرى فىردەۋسىنىڭ مەشھۇر شاھنامە ئەسىرىدىن ئېلىنغانىدى، ئوپېرانى لىبرەتتو، مۇنىر ھايرى ئەگەلى تەرىپىدىن يېزىلدى. ئوپېرانى نوتىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى بولسا، ئەمدىلا يىگىرمە يەتتە ياشقا كىرگەن ئەھمەت ئادنان سايگۇنغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ، بۇ ئەسەرنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەنى ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈزدى.

ئۆزسوي ئوپېراسى 1934-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ ئەسەرنى ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم ئورۇندىدى.


خەتكۈچ: #تۈرك , #ئوپېرا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر