ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندا ئىشلىتىلگەن توپ

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندا ئىشلىتىلگەن توپ» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1424086
ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندا ئىشلىتىلگەن توپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ توپ (زەمبىرەك) ئوسمانلىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

گەرچە مىلتىق دورىسى ۋە توپ 1453- يىلغىچە بولغان ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئوسمانلىلارغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ قورالنى شۇ دەۋرگىچە سىناپ باقمىغانىدى. ئىستانبۇل ئوسمانلى قوشۇنى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغاندا، ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭمۇ سېپىللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا مىلتىق دورىسى ئىشلىتىلىدىغان مېخانىزملىرى بار ئىدى، بىراق بۇ قوراللار ھاسىل قىلىدىغان سىلكىنىش يۈزىسىدىن سېپىل تاملىرىغا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزەتتى.

ئوسمانلى قوشۇنىدىكى توپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر، دىئامېتىرى 75 سانتىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 544 كىلوگرام ئىدى؛ ئۇنى تولدۇرۇشقا ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، كۈنىگە پەقەت بەش – ئالتە قېتىملا ئوت ئالالايتتى. ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى، ئۇ ياسىغان ۋېنگرىيەلىك ئۇربان ئۇ زەمبىرەكنى ئىككى پارچە ھالىتىدە قېلىپقا سېلىپ ياسىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆز دەۋرىگە نىسبتەن ئىنتايىن ئىلغار ھېسابلىنىدىغان بۇرمىلاپ چىڭىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئوقى تەگكەن سېپىل تاملىرىنى ۋىزانتىيەلىكلەر بىر قانچە ھەپتە كېچە – كۈندۈز ئىشلەپ ئاران ئەسلىگە كەلتۈرەلەيتتى.

بۇ توپ ئىستانبۇل پەتھى قىلىنىپ 354 يىلدىن كېيىن، يەنى 1807-يىلىمۇ ئىشلىتىلدى. چاناققەلئە بوغۇزىدىن زورلۇق بىلەن ئۆتمەكچى بولغان ئەنگلىيە پاراخوتلىرىغا بىر قېتىم ئوق چىقىرىلدى؛ ھۇجۇمدا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان پاراخوتلار چېكىنىشكە مەجبۇرلاندى. 1870-يىللارغا كەلگەندە سۇلتان ئابدۇلئەزىز بۇ توپنىڭ 1464-يىلى ياسالغان بىر ئۈلگىسىنى ئىنگلىزلارغا ھەدىيە قىلدى. بۇ ھەدىيە ھازىرمۇ ئەنگلىيەدىكى فورت نېلسون زەمبىرەكچى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر