دۇنيادىكى ئاتاتۈركنىڭ ئىسمى بېرىلگەن جايلار

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دۇنيادىكى ئاتاتۈركنىڭ ئىسمى بېرىلگەن جايلار» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1420249
دۇنيادىكى ئاتاتۈركنىڭ ئىسمى بېرىلگەن جايلار
Atatürk Anıtı İsrail.jpg
küba atatürk anıtı.jpg

دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ئاتاتۈركنىڭ نامى بېرىلگەن جايلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۇنيا مىقياسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر لىدېر بولغان ئاتاتۈركنىڭ ئىسمى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدا ھىندىستاندىن مېكسىكاغىچە، ياپونىيەدىن تۇنىسقىچە، پېرۇدىن يېڭى زېلاندىيەگىچە بولغان جايلاردىكى ئابىدىلەر، ھەيكەللەر ياكى جايلاردا ياشنىماقتا.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۈلگە قىلىشى ئۈچۈن شەھەردىكى بىر باغچىغا ئاتاتۈركنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان بىر  قاپارتما نەقىشلىق لەۋھە ياساتقۇزغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى, ۋەتىنىنىڭ پىداكار ۋە سادىق خىزمەتكارى, تەڭداشسىز قەھرىمان، ئىنسانىيەت ئىدېئالىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى... پۈتۈن ھاياتىنى تۈرك مىللىتىگە بەخشەندە قىلغان بولۇپ، خەلقىگە ئۆز روھىنى ۋە ئوتىنى بەرگەن. ئۇنىڭ خاتىرىسى مىللىتىنىڭ روھىنى لاۋۇلدىتىپ تۇرۇۋاتقان ئۆچمەس سۈپىتىدە ياشىماقتا!» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ يېھۇد شەھىرىدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە بېغىشلاپ ياسالغان بىر خاتىرە تېشىغا ئاتاتۈركنىڭ «يۇرتتا سۇلھ، جاھاندا سۇلھ» دېگەن سۆزى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزنىڭ ئاستىغىلا «تۈرك مىللىتى ۋە تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان ئىسرائىلىيە خەلقى سەندىن مەڭگۈ مىننەتداردۇر» دېگەن جۈملە ئىلاۋە قىلىنغان.

كۇبادىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر چەت ئەللىك دۆلەت ئەربابىنىڭ ھەيكىلىمۇ ئاتاتۈرككە ئائىتتۇر. تۇنجى ھەيكەلنىڭ ئاستىغا تۈرك ۋە ئىسپان تىللىرىدا «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى - يۇرتتا تىنچلىق, دۇنيادا تىنچلىق» دەپ يېزىلغان. 2011-يىلى كۇبا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاسداسەن، ھەيكەلتىراشچ مەتىن يۇردانۇر تەرىپىدىن ياسالغان ئىككىنچى ئاتاتۈرك ھەيكىلى بولسا، پايتەخت ھاۋانانىڭ ئەڭ جەلپكار  جايلىرىنىڭ بىرى بولغان پۇئېرتو كوچىسىدىكى باغچىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر