19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ رەھبەر «ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى قىزغىن تەبرىكلىمەكتىمىز.
1419676
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاتاتۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئېلانى بىلەن تۇنجى جۇمھۇر رەئىسمىز بولغان ئىدى. زامانىۋى بىر مىللەت بولۇش يولىدا ياشلارنىڭ تەنتەربىيە سۆيەر ۋە ساغلام بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈن سۈپىتىدە، 19-ماي كۈنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملار ئارقىلىق ھەم ئاتاتۈرك ئەسلەنمەكتە ھەم ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە.