ۋىرۇس مەزگىلىدە دائېشنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (19)

1419043
ۋىرۇس مەزگىلىدە دائېشنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى

ۋىرۇس مەزگىلىدە دائېشنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (19)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ۋىرۇس مەزگىلىدە دائېشنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ***** ***** ***** ***** ******

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇم گرافىكىدا زور دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ يۈكسىلىشنىڭ ئارقىسىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تەشكىلات تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ھۇجۇملارنى تەشكىللىمەكتە ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. ئۆزلىرىنى ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى مۇقىمسىز رايونلارنىڭ قوشۇمچە ئاكتىيورى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنى «چۆل پارتىزانلىرى ئىستراتېگىيەسى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. دائېش بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ئىلگىرىكى تورلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى چوڭ ئىستراتېگىيەسى بولسا، رايونلۇق كۈچىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ تاشقى ھالقىلاردىكى قۇرۇلمىسىنى، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقىمسىزلىقتىن قايتا بىر خەلقئارالىق تىرىلىشكە ئۆتۈش ئارزۇسىى شەكىللەندۈرمەكتە.  يۇقۇملۇق  ۋابا باشلانغاندىن بۇيان دائېش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئافغانىستان، غەربىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئافرىقا، ساھەل، مىسىر ۋە يەمەندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈئىتىنى تېزلەتتى. ئىراق، مالدىۋ ۋە فىلىپپىندىكى ھۇجۇملارمۇ يۇقۇمدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ دۆلەتلەردىن باشقا يەنە غەربكە ھۇجۇم قىلىش چاقىرىقلىرىنىمۇ ھۇجۇمخۇمار بىر ئۇسلۇبتا جاكارلىماقتا.

دېمەك، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقۇمدىن كېلىپ چىققان كرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېرورلۇق ھۇجۇمى ئىستراتېگىيەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ئېنىق. بۇ پۇرسەت بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش سىياسىتىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى بىلەن تەڭ پەيدا بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ ئەھۋالنى تېزدىن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ۋە زېمىنسىز خەلىپىلىك دەۋرىدىن كېيىن يولغا قويغان يېڭى ماسلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن جانلاندۇرماقتا.

فرانسىيەنىڭ ئىراق بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھالدا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنى بىر قىسىم ھەربىي بازىلاردىن چېكىندۈرۈشى ۋە مەشىق پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى، ئىراقتىكى دائېشقا قارشى كۈرەشنى  ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە تەشكىلاتنىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا سەۋەب بولماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، دائېش «ئىچكى ھالقا» دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان ۋە ھەربىي مەجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان سۈرىيەدىكى YPG-SGD نىڭ كونتروللۇقىدىكى فىراتنىڭ شەرقىدە ھاكىمىيەت ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىراقتىكى ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى دائېش ئەزالىرى بىخەتەر ئۆتەلەيدىغان،  تەمىنات ۋە ياردەم تورلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئەھۋال دائېش تەرىپىدىن ئىلگىرى «كۆرۈنمەيدىغان خەلىپىلىك» شەكلىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان رايونلاردىكى قەبىلە قۇرۇلمىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇمكىن بولماقتا.  

 

2020-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلىگەن ئىككى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان ئىدى.  2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە 60 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، گەرچە ئەڭ كۆپ غەربىي ئافرىقىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، دائېشنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دائېش 2020-يىلى 9-ئاپرېلدىن 15-ئاپرېلغىچە بولغان دۇنيا مىقياسىدىكى پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ يەنە بىر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە 49 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 33 ى ئىراقتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئىراقتىكى ھۇجۇملارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋىرۇس سەۋەبىدىن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا  قويۇلغان 4 - ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراق ھۆكۈمتىدىكى مالىمانچىلىق، تالاش-تارتىشلىق تېررىتورىيەدىكى توقۇنۇشلار، يۇقۇم سەۋەبىدىن مەيداندىكى ئەسكەر سانىنىڭ ئازىيىشى ۋە ئامېرىكانىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى... قاتارلىقلار دائېشقا نىسبەتەن تېپىلماس پۇرسەت بولماقتا. ئىستىخبارات دوكلاتىدا ئىراقتىكى دائېش قوراللىقلىرى سانىنىڭ 3000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، ھۇجۇملارنىڭ مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سۈرىيەدىكى ئېنىقسىزلىقمۇ بۇ پۇرسەتنى دائېش ئۈچۈن پايدىلىق ھالغا كەلتۈرمەكتە. سۈرىيە تۈرمىسىدىن قاچقان 500 گە يېقىن دائېش قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى ئىراقتا مەخپىي تېرورلۇق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەرلىك سان سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولىدۇ. كورونادىن ئەلگىرىكى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىراقتا دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە سانىنىڭ 20 گە يەتكەنلىكىمۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

 

يەنە كېلىپ، دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، يەرلىك ئۇسۇلدىكى قورقۇتۇشتىن تېخىمۇ مۇرەككەپ ھۇجۇم ئۇسۇللىرىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق  مۇرەككەپلىكى بىر قەدەر تۆۋەن ھۇجۇملارغا مەركەزلەشكەن بولسا، ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن تەڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا ھۇجۇملىرى، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە قىلتاق قۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئىراق ھەربىي كۈچلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇملار، 2019 - يىلى دائېش رەھبىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن يېڭى رەھبىرى ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىماقتا.

 

سۈرىيەدىمۇ ئىراقتىكىگە ئوخشاش دائېش ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۈرىيىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۇجۇملىرىنىڭ بىرسى 9-ئاپرېل يۈز بەردى. شۇ چاغدا دائېش قوراللىق ئۇنسۇرلىرى سۇخنا يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسەد قىسىملىرى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى. سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ياردەم قىلىشىغا قارىماستىن ئىككى كۈن داۋاملاشقان مەزكۈر توقۇنۇشتا، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە  32 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن  ۋە دائېشنىڭمۇ 26 قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئۆلگەن. لېكىن ھازىرغا قەدەر بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى نە دائېش، نە باشقا تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئالمىغان. دائېش تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان سۈرىيە ئارمىيەسىگە، شىئە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ۋە SDG غا قارشى كەسكىن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ پائالىيەتلەر ئاشكارىلىغان ئۇرۇش ئەندىزەسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، دائېش ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنى كۈچەيتمەكتە. قاپقان قۇرۇش، مىنا كۆمۈش ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەتمەكتە.

نەتىجىدە ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقۇم دەۋرىنى پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق. بەكرەك كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەرىپى ئىراققا كۆپرەك ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، سۈرىيەنىڭ 2 – ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىدۇر.  قانداقلا بولمىسۇن، ئىراق تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر