ئىبنى سىنا ۋە «كىتابۇش-شىفا»سى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىبنى سىنا» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1392672
ئىبنى سىنا ۋە «كىتابۇش-شىفا»سى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىرلا ئادەم تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ ئەتراپلىق ئەسەرنىڭ مەشھۇر تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىناغا ئائىت ئىكەنلىكىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

غەربتە «Avicenna» دەپ ئاتىلىدىغان ئىبنى سىنا،  980- يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخاراغا يېقىن ئافشانا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇخارادا ئاتىسىدىن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن مەخسۇس دەرسلەرنى ئېلىپ ئالاھىدە ياخشى يېتىشكەن. ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتىمۇ ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتە كۈچلۈك ياردەمچى بولغان. 14 ياشقا كىرگەندە، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىغان. 16 يېشىدا تىبابەتچىلىككە يۈزلىنىپ، كۇشيار ئىسىملىك بىر تىۋىپقا شارگىرتلىققا كىرگەن. ئۇ داۋالاش ساھەسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆگىنىپلا قالماي ، يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. 19 يېشىدا تىۋىپ ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ، بىمارلارنى ھەقسىز داۋالاشقا باشلىغان. 21 ياشقا كىرگەندە، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داڭلىق تىۋىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئىبنى سىنا تېبابەت توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بۇلارنى ئىچىدە، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنى دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كاتتا ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «كىتابۇش-شىفا» يەنى «ساغلاملىق كىتابى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىرلا كىشى يازغان ئەڭ ئەتراپلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر لوگىكا ، فىزىكا ، گېئومېتىرىيە ، ئاسترونومىيە ، ماتېماتىكا ، مۇزىكا ۋە مېتافىزىكا قاتارلىق پەنلەرگە دائىر ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق بىلىملىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئېنسىكلوپېدىيەدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر