ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

1390157
ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق

ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى دۇنيانى ساراسىمغا سىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. يۇقۇمنىڭ قاچان ۋە قايسى باسقۇچتا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ياخشى ۋە يامان تەخمىنلەر بار. ياخشى تەخمىن شۇكى، يۇقۇم  5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كونترول قىلىنالىشى مۇمكىن.

يامان تەخمىن بولسا، ئوخشىمىغان ئۆلچەمدە مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇمنىڭ كونترول قىلىنالىشى ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ۋە بىر يىل ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق قوزغۇلۇش يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، يامان سىنارىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا ئاممىۋى ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىياندىن باشقا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر چېكىنىشكە دۇچ كېلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكاغا نەزەر سالغاندا، ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ترامپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا يولغا قويغان تەدبىرلەر سايىسىدا 2 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. بىراق ترامپ نەقىل كەلتۈرگەن ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلارمۇ خۇشاللىنارلىق ئەمەس.

ئامېرىكا 100 دىن 200 مىڭغىچە ئامېرىكا پۇقراسى يۇقۇمدا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىرۇس مەركىزى بولغان سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ بولسا، بۇ جەريانلاردا توغرا مەلۇمات بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى تالاش-تارتىشلىق مەسىلىگە ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھەقىقىي رەقەملەرنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەرچە ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ دۆلەت خاراكتېرلىق كۈرىشىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، ھەل قىلىش چارىسى يەنىلا خەلقئارالىق بولۇشى كېرەك. ھازىر بارلىق دۆلەتلەر بۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئۇنداقتا چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش مۇشۇ بولۇشى لازىم.

*** **** **** *** ** *** ***

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 2-ئاي ۋە 3-ئايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى خۇشاللىنارلىق دېگىلى بولمايدۇ. ھەر بىر دۆلەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشنى تاللىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش يۇقۇملۇق ئاپەتلەردە ئەڭ ھوقۇقلۇق ۋە تەسەرى كۈچلۈك بولۇشى كېرەكلىك بولغان ئورگانمۇ زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا تېز ھەرىكەت قىلالمىدى. بۇ ئەھۋال تەشكىلاتنىڭ تەنقىد قىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.

 

ئەمدىكى چاغدا خەلقئارا ھەمكارلىقتا ئالدىنقى پىلانغا چىققان خىتاي، يۇقۇمنى كونترول قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن بەزى دۆلەتلەرگە ياردەم يوللىدى. خىتاي ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە تىببىي ئەسلىھە ياردىمى بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار چىقىرىپ ئۇنداق قىلىشتا ئاجىز  قالدى.

ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئورگانلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلدى. ياۋروپاغا ياردەم ئەۋەتكەن دۆلەت پەقەت خىتاي  بىلەنلا چەكلىك ئەمەس. رۇسىيەمۇ ياردەم ئەۋەتكەن دۆلەتلەرقاتارىدىن ئورۇن ئالدى. رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ھەربىي ئاپتوموبىللىرى رىم كوچىلىرىدا تىببىي ياردەم ئۈچۈن پەيدا بولدى. بۇ ياۋروپا تارىخى نۇقتىسىدىن كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى.

ئېسىڭىزدا بولسا كېرەك، خىتايدا يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئاپىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە ياردەم يوللىغان ئىدى. شۇنىڭدەك تۈركىيە يەنە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە  ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تىببىي ياردەم يوللىدى.

شۈبھىسىزكى، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. گەرچە تاجىسىمان ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تېپىش توغرىسىدا بەزى خۇشخەۋەرلەر بولسىمۇ، ئەمما قانائەتلىنەرلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغىنى يوق. مېدىتسىنا ئورتاق ئىلىم – پەن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھازىرچە ھەرقايسى دۆلەتلەر تارقىلىشچان يۇقۇملۇق ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا ۋاكسىنانى بىرىنچى بولۇپ ئۆزلىرى تېپىپ چىقىشقا تىرىشماقتا. ۋىرۇس بايقاش ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئىشەنچلىك دىئاگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئۈچۈن ئۆز-ئارا رىقابەتلەشمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساھە دۇنيا دورا بازىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئىشنىڭ مەخپىي بولىشى، ۋاقىتنىڭمۇ ئۇزاراپ كېتىشى ۋە ئىشەنچلىك بولۇش قاتارلىقلار بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنى توسماقتا.

خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ كورونا مەسىلىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېھتىياجلىق يېرى ئىقتىسادىي ساھەدۇر. ئامېرىكا 2 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىساد ئايرىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئارزۇ قىلماقتا. دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇلنىڭ مىقدارى ئاز دېگەندىمۇ 5 تىرىليون دوللارغا يەتتى. شۇنداقتىمۇ يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق زىيان سالىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

شۇڭا ھەم دۆلەت، ھەم دۇنيا ئىقتىسادىغا سېلىنغان زىيانلارنى بەلگىلەپ چىققاندىن كېيىن، يەر شارى ئىقتىسادى سىستېمىسىنىڭ نورمال ئېقىمغا قايتىپ كېلىشىگە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى يەنىلا خەلقئارالىق ھەمكارلىقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي - ئامېرىكا سودا ئۇرىشىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرىلىشىشى ھەمدە بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىقنى تاللىشى تولىمۇ زۆرۈر.

يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى شۇنداقلا باشقا ئىقتىسادىي ئورگانلارمۇ ئورتاق كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىنى بەلگىلىشى كېرەك.

 

خەلقئارا ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق يەنە بىر ساھە بولسا، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش رايونلىرىدۇر. لىۋىيەدىن يەمەنگىچە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان رايونلاردىكى توقۇنۇشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن  ۋىرۇس ئاپىتىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك قەدەملەنى تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىق پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى نۆۋەتتىكى ئىچكى توقۇنۇشلاردۇر. كوراناغا ئوخشاش تارقىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى دۇنياۋى يۇقۇم ئاپىتىنىڭ، پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسى بىلەن بىرلەشتۈرىلىشى دۇنيا سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر بۇرۇقتۇملۇققا دۇچار قىلىشى مۇمكىن.

كورانا يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئۇزاققىچە مۇنازىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق. كورانادىن كېيىن بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىمىز. دەرس ئېلىپ ئىنسانلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش پۇرسىتى يەنىلا مەۋجۇت.

يۇقىرىدا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەيىر خوش

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر