ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر

ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1384966
ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر

ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق ۋە كىرىزىس ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا، 2020 – يىلى 20 – مارت كۈنى ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇن ھالەتتە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان تالىبان ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 20 دىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 6 – مارت كۈنىمۇ كابۇلدا بىر خاتىرىلەش مۇراسىمى جەريانىدا ھەم قوراللىق ھۇجۇم  ھەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 27 كىشى قازا قىلغانىدى.  كىچىك تىپتىكى ھۇجۇملار ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بەرمەكتە.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنىڭ فېۋرالدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ياكى يارىلانغان.   

2020 – يىلى 29 – فېۋرال كۈنى دوھادا ئامېرىكا – تالىبان ئوتتۇرىسىدا «تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى. كېلىشىم ئامېرىكا  ئەسكەرلىرىنىڭ 14 ئاي ئىچىدە ئافغانىستاننى تەرك ئېتىشىنى مەزمۇن قىلاتتى. لېكىن يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بۇ كېلىشىمنىڭ پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا  قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى «بۇ كېلىشىمنىڭ پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا قېلىشىنىڭ سەۋەبى سىياسىي كىرىزىس» دەپ قارايدۇ. بۇلتۇر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى توغرۇلۇق تالاش - تارتىش تېخىچە داۋاملاشماقتا. ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020 – يىلى 9 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا % 50.64 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان ئەشرەف غېنى بىلەن % 39.52 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئۆزلىرىنى سايلامنىڭ غالىبى ئېلىپ قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا – تالىبان كېلىشىمى دائىرىسىدە ئافغانىستاننىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەېرتىپىگە كىرگەن مەسىلىلەردىن بىرى، تۈرمىلەردىكى 6 مىڭ تالىبان ئەزاسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدۇر. تەرەپلەر بۇ ھەقتە تېخىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. بۇ مەسىلە دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قايسى يۆلىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭمۇ مۇرەسسەلىشىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئافغانىستاننىڭ سىياسىتىدە، پاكىستان، ئىران، خىتاي، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئاكتىيورلار ئۆزئارا پۈتۈشمىگەن تەقدىردە، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشى قىيىندۇر. ئافغانىستاندىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىملىرىدا خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ ئىختىلاپلىرى ناھايىتى روغەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئافغانىستان مارت ئېيدا ئىرانلىق 5 دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىران ئىلگىرى ئافغانىستان ياشلىرىدىن  تەشكىل تاپقان «فاتىىييۇن ئەترىتى» نى سۈرىيەگە ئەۋەتكەنىدى. تېھران ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقانىدى. ئىراننىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئادەتتىن تاشقىرى  دەرىجىدە ئارىلىشىشى كابۇلنى بىئارام قىلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پاكىستن باسقۇچقا داخىل قىلىنماي تۇرۇپ، تالىباننىڭ سىىياسەتكە داخىل قىلىنىشى قىيىندۇر. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ مۇرەسسەلىىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا – تالىبان كېلىشىمى ھازىرچە كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئافغانىستاندا مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۆپلىگەن ئىچكى – تاشقى ئامىللارغا باغلىقتۇر. نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ سەھىيە قۇرۇلمىلىرى ناچار بولغان ئافغانىستاندا تارقىلىشى، دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، دۆلەتتىكى سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇرەسسەلىشىشىگە توغرا كېلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر