كورونا ۋىرۇسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

1385702
كورونا ۋىرۇسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى

 

كورونا ۋىرۇسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

(جان ئاجۇن)

ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. دۇنياۋى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە ئايلانغان بۇ كېسەللىك تەخمىنەن بەش يۈز مىڭ ئىنسانغا يۇققان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.  نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى تەۋرەتمەكتە. بولۇپمۇ كۈچلۈك دۆلەت ئاپپىراتلىرىغا ئىگە بولمىغان ۋە سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى چوڭ رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.

 

ئەمدى دىققىتڭلار سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىدا بولسۇن.

 

كورونا ۋىرۇسى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا شەرققىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرى تەۋرىنىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ دۆلەت ئاپپىراتلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولمىغان، ئىقتىسادىي ۋە سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز دۆلەتلەر چوڭ رىقابەتكە دۇچ كەلدى. بۇ نۇقتىدا ئەڭ  ئالدىنقى پىلانغا چىققان ئىككى دۆلەت سۈرىيە ۋە يەمەن بولدى. بۇ دۆلەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئاللىقاچان ئۇپرىغان بىر ۋەزىيەتتە يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى تۇرالمىغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەس، ئەپسۇسكى، يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كارانتىناغا ئالالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈنگەن قۇرۇلمىسى بىر مەركەزدىن يۇقۇملۇق ئاپەتكە مۇداخىلە قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بەرمەيدۇ. سۈرىيە نۆۋەتتە ھاكىمىيەت، ئۆكتىچىلەر ۋە PKK رايونى قاتارلىق ئۈچ خىل ئوخشىمىغان ھاكىمىيەت ئاستىدا تۇرماقتا، يەمەندىمۇ ئەھۋال ئوخشاش.

ئىرانمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى دۆلەت ئەسلىھەلىرى يېتەرلىك بولمىغان يەنە بىر دۆلەت. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايۋاتقان بىر پەيتتە، سىياسىي ئىرادىمۇ بارغانسىرى بۇزۇلماقتا. ئىران يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندىكى ۋاكالەت ئۇرۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بايلىقلىرىنى ئىسراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قەلدى. بۇ ئەھۋال تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن ئىرانغا نىسبەتەن يېڭى بىر خىرىس ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىراننىلا ئەمەس، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىمۇ كېيىن ئەھۋالغا ئىتتىرمەكتە.

ئىراق خامچوتىنىڭ %90 ى نېفىت كىرىمىگە تايىنىدىغان شۇنداقلا ئېتنىك ۋە مەزھەبىي پارتلاش لىنىيەسى ھەرىكەتلىنىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زور خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. ۋىرۇس ئۇزاققىچە داۋاملشىدىغان بولسا، ھەتتا زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. گەرچە پارس قولتۇقىدىكى باي دۆلەتلەر مەبلەغلىرىنى خىراجەت قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى قوغداشقا تىرىسسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىشقا تايانمىغانلىقى ئۈچۈن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئاخىرقى ھېسابتا، ئوتتۇرا شەرق نېفىت ئېكسپورتىغىلا تايىنىش ۋە ئاجىز ھۆكۈمەت سىستىمىلىرى سەۋەبىدىن چوڭ قالايمىقانچىلىقتا قالغاندەك تۇرىدۇ. دۆلەت خامچوتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان ئىراق ۋە ئىران بىلەن بىرگە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىمۇ زور ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ۋۇخەن ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرشارى خاراكتېرلىق چېكىنىش جەريانى نېفىت باھاسىنى 20 دوللارغا چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خامچوتىنى باشقۇرغىلى بومايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. ئېمباگولار سەۋەبىدىن بوغۇلۇۋاتقان ئىرانغا نىسبەتەن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي مالىمانچىلىقلارنىڭ چىقىشىمۇ ئېنىق. ئەگەر ۋىرۇس ھازىرقى سۇرئىتى بىلەن تارقىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ئاپپىتاتلىرى كۈچلۈك، ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا  پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر