«ئەنقەرە ئۆچكىسى ۋە تىۋىت» توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئەنقەرە ئۆچكىسى ۋە تىۋىت» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1383239
«ئەنقەرە ئۆچكىسى ۋە تىۋىت» توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

«ئەنقەرە ئۆچكىسى ۋە تىۋىت» توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نۇرغۇن دۆلەتلەردە موھايىر دەپ ئاتىلىدىغان تىۋىتنىڭ ئەنقەرە ئۆچكىسىدىن ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئېلىمىزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا بولغان ئەنقەرە ئۆچكىسى 13-ئەسىردە ئانادولۇغا كۆچۈپ كەلگەن تۈرك قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ئانادولۇغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىگە بولغان ئىرق ئالاھىدىلىكىگە ئوتتۇرا ئانادولۇدا ئېرىشكەن. ئەنقەرە ئۆچكىلىرى ئېگىز، قۇرغاق، يامغۇرى ئاز ئىقلىملاردا يېتىشىدىغان كىچىك ، يېقىشلىق ھايۋانلاردۇر.

20- ئەسىرگە قەدەر ئەنقەرە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەردىلا يېتىشكەن ئەنقەرە ئۆچكىسى، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە بۇ رايونلاردىن چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلگەن. ئەمما نەگىلا بارمىسۇن، ئۆز نامىنى ساقلاپ قالغان. ئەنقەرە ئۆچكىسىدىن ئېلىنىدىغان تىۋىت دۇنيادىكى توقۇمىچىلىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تالا مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. تىۋىت ئاق ، چىداملىق ، پارقىراق ، ئەۋرىشىم ، ئىسسىققا چىداملىق ، قويۇقلۇقى يۇقىرى ، بوياش ئاسان ، قۇرۇلمىسى سىلىق ھەم تېيىلغاق بولغاچقا، ئاسان بۇلغانمايدۇ. قوي يۇڭى، پاختا ۋە بىرىكمە تالالار بىلەن ئاسانلا ئارىلاشتۇرغىلى بولغاچقا، توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن تۈركىيەدىن باشقا جەنۇبىي ئافرىقا، ئامېرىكا، لېسوتو، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەنقەرە ئۆچكىسى يېتىشتۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر