ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كېلەچىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

1381811
ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كېلەچىكى

ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كېلەچىكى

ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كېلەچىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

(مۇرات يېشىلتاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە،  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كېلەچىكى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇملۇق ئاپىتى  1-ئايدا ختاينىڭ خۇبېي  ئۆلكىسىدە باشلىنىپ، قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. قارىماققا بۇ ئىش خەلقئارا سىستېمىنى چوڭقۇر تەۋرىتىشتەك بىر نەتىجىگە يول ئاچقاندەك قىلىدۇ.  يېقىنقى ئون يىلدا دۇنيا سىياسىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە  سەھنە بولدى. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن بىرگە خەلقئارا سىستېما بىخەتەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن، دائېشنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك كىرىزىسى چوڭقۇرلاشتى. 2008 - يىلىدا، پۈتۈن دۇنيا يەرشارى پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ بولغانلىقىغا قارىماستىن خەلقئارا سىستېمىدا ياخشىلىنىشنىڭ ئورنىغا ناچارلىشىشقا قارىتا يۈزلىنىش مەيدانغا كەلدى. ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر قايتىدىن تەتۈر بۇرۇلۇشقا باشلىدى.

دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشلىرى يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىگە تەھدىت سېلىش بىلەن بىرگە، يېڭى  يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس يۈز بېرىدىغانلىقىغا دائىر تەخمىنلەرنى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.

يەرشارى خاراكتېرلىك سىياسىي كىرىزىسلار، ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى يوقىتىپ قويۇشى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق چوڭقۇر مەسىلىلەرمۇ خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق ،ھېچكىم بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئىزاھلاپ باقمىدى. لېكىن، ۋىرۇس ئاپىتى مۆلچەرلەنگىنىدىن ۋە كۆرۈنگىنىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر  كىرىزىسنى ئىما قىلماقتا ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئېنىقسىز ھالغا كەلتۈرمەكتە.

تۆۋەندە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاشنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

***** **** **** ****** ****

ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەممىدىن مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دۇنياۋى ساغلاملىق مەسىلىسى. ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيا سىياسىتى ۋە دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى مەسىلىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يەرشارى ئاممىۋى ساغلاملىقىدىن ھالقىغان تەسىرلەرنى ياراتماقتا. شۈبھىسىزكى، بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم تەسىرى دۇنيا ئىقتىسادىغا بولماقتا. بۇ يۇقۇملۇق ئاپەتنىڭ يەنە قايسى نۇقتىلارغىچە يېتىپ بارىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قاچان كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ۋە زىياننىڭ تەكرارلىنىپ - تەكرارلانمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئېنىقسىزلىقى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ھازىردىن باشلاپلا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشقا يول ئاچىدىغاندەك قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تەتۈرگە ئۆرۈلۈشى، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەزى نۇقتىلاردا پۈتۈنلەي توختاپ كېتىشى، ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپانىڭ پاراۋۇز ئىقتىسادلىرىنىڭمۇ توختاپ قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قىلىشى، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ ئاكتىيورلارنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى «FED» تەرىپىدىن قىلىنغان 700 مىليارد دوللارلىق غايەت زور پۇل كېڭەيتىشكە قارىماستىن، بازارلار بۇنىڭغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنياۋى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان كېننېت روگوف، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تارىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوكسفورد تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئانچە ئىشلىتىپ باقمىغان بىر ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئىقتىساد جەھەتتە كېڭىيىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان بولدى. فىرانسىيە 500 مىليارد ياۋرولۇق غايەت زور خامچوت بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقتىمۇ يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتالمايۋاتماقتا. چۈنكى ئەمەلىي بازار تورمۇزلىنىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇنداق كېتىۋەرسە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال يەرشارى خاراكتېرلىك بىر ئىقتىسادىي بۇرۇقتۇملۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا ئىقتىسادىنى كىرىزىسقا پاتۇرۇشتىنمۇ بەكرەك، تارىخىي بىر بۇرۇقتۇملۇققا دۇچار قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسىگە باغلىنىشلىق يەنە بىر تەرىپى بولسا، خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك، «مەسىلە يەر شارى خاراكتېرلىك، ئەمما كۈرەش دۆلەت دەرىجىلىك» دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بارلىق دۆلەتلەرنى پەقەت ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يۈزلەندۈرمەكتە.  ھەر بىر دۆلەت نەتىجىدە ئۆزىنى ۋە پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلماقتا. خىتاي، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئىسپانىيە ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. تۈركىيەمۇ باشتىن بۇيان ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان دۆلەتلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.

شۇنىسى ھەقىقەتكى، بارلىق دۆلەتلەر ئۆزئارا ئاۋىياتسىيە قاتناشلىرىنى ئاساسەن تاقاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. فىرانسىيە بارلىق قۇرۇقلۇق چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە بولسا، ياۋروپا ۋە دۇنيادىن پەرقىلىق باشقىچە ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقچى. بىراق، كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ئەنگلىيە خەلقىدە بارغانچە ۋەھىمىلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەرلىك سايلاممۇ كېچىكتۈرۈلدى. ئىسپانىيە خۇسۇسىي دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇلۇشنىڭ دۆلەتكە ئۆتكۈزۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گوللاندىيەدە 1973 - يىلدىكى نېفىت كىرىزىسىدىن بۇيان، بىر باش مىنىستىر بۇ ھەقتە خەلققە خىتابنامە ئېلان قىلدى. ئامېرىكادىكى ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان رايونلاردا يەككە قوراللىنىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، ۋەھىمە مۇھىتى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈىشىگە،  ئاندىن دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەتلەر ئارا چوڭ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىككى ئاساسىي سىستېما تۈۋرۈكىنى قاتتىق تەۋرىتىۋەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بۇ ئىككى تۈۋرۈك خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش سىنىقىغا ئايلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

تۇنجى بەرداشلىق بېرىش سىنىقى يەككە شەكىلدە دۆلەت ئىقتىسادى ئۈستىدە يۈز بېرىدۇ. كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋىرۇسقا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدە ئىقتىساد قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىمايدۇ. بىراق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋالغۇشلىرى كۈن ئاخىرىدا چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئاجىز ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بولسا، بەرىبىر زىيان تارتقۇدەك كۆپ نەرسىلىرى قالمايدۇ.

ئىككىنچى چىدامچانلىق سىنىقى، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەلەر ئۈستىدە بولىدۇ. ۋەھىمىگە چۈشكەن شەخسلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە ئۇلارنىڭ ۋەھىمىلىك ھەرىكىتىگە ماس ھالدا، سىياسىي قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي چىدامچانلىقى كۈچلۈك جەمئىيەتلەر ئاز زىيان بىلەن بۇ مۇساپىنى يېڭىدۇ.

ئۈچىنچى سىناق دۆلەتنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. سىستېمىلاشقان، ئۆلچەملىك تەرتىپكە ئىگە ۋە قارار چىقىرىش مېخانىزمى كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇ مەزگىلدىن تېخىمۇ ئاز زىيان بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاجىز دۆلەتلەر تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ. بەلكى چارىسىز دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.  ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغىنى شۇكى، ۋىرۇس ئاپىتى ئاخىرلاشقاندا ئوتتۇرىدا يەر شارى خاراكتېرلىك ۋەيرانچىلىقنىڭ خارابىلىقلىرى قالغان بولىدۇ. بۇ بۇزغۇنچىلىق ۋە خاربىلىقنىڭ يېڭى بىر يەرشارى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زادى قانداق ئاساسلارنى ھازىرلايدۇ؟ كۈتۈپ قارايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر