بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ باكۇ زىيارىتى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇرباڭگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ باكۇ زىيارىتى ۋە ئەزەربەيجان – تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرى.

1380951
بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ باكۇ  زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇرباڭگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ 2020-يىلى 11-مارت باكۇدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. پرېزىدېنت بەردىمۇھەمەدوۋ باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق  قارشى ئېلىندى. ئاندىن پرېزىدېنتلار ئايرىم كۆرۈشتى. سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 17 كېلىشىم ئىمزالاندى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ 2018-يىلى 21-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە تۈركمەنىستانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا 21 كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.

ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان مۇناسىۋەلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جانلىنىشقا باشلىدى. ئىككى دۆلەت ئەۋزەل بولغان قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ، 2017-يىلى مايدا ، كاسپىي دېڭىزىدىكى ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن يېڭى چوڭ پورتلار ئېچىلدى (تۈركمەنباشى ، ئالات). ئەگەر باكۇ بىلەن ئاشخاباد بۇ ساھەدە قويۇق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرالىسا ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربكە تۇتىشىدىغان ئاساسلىق يولىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىران ۋە روسىيەگە تاللاش خاراكتېرلىك باشقا يول بەرپا قىلىش ئارقىلىق شەرق بىلەن غەربنى قىسقا يول بىلەن تۇتاشتۇرالىشى مۇمكىن.  ئافغانىستاننى تۈركمەنىستان،  گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارقىلىق  تۈركىيەگە تۇتاشتۇرىدىغان «لاپىس لازۇلى ئۆتۈش ئېغىزى» نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مۇھىمدۇر.  باكۇ ۋە ئاشخباد ئارىسىدا مۇھىم قاتناش تۈگۈنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، تۈركىيەگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى، ھەر ئۈچ دۆلەتنىڭ تىرانزىت دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئالدىنقى يىلى بۈكرەشتە ئىمزالانغان «قارادېڭز – كاسپىي دڭىزى» خەلقئارا قاتناش كارىدورىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلىمەكتە.

باكۇدىكى زىيارەتتە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇشىغا قارىماي، پەردە ئارقسىىدا رەھبەرلەرنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز ىنى غەربكە يەتكۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى ھەممىگە ئايان.  كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز ىنىڭ سەرخىللاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ھەمدە سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۈكسىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. زىيارەت جەريانىدا ئۆزئارا سودا ئۇيۇشمىلىرى ئېچىش ۋە سودا كېڭىشى تەشكىل قىلىش توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى، ئۆزئارا سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان يەنە بىر ساھە بولسا گىلەمچىلىكتۇر. ھەر ئىككى دۆلە بۇ ساھەدە مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت  گىللەمچىلىك ساھەسىدە  ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ،  يول كۆرسەتكۈچى دۆلەتلەردىن بولالىشى مۇمكىن.

ئەزەربەيجان ھازىرغىچە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئۈچ تەرەپلىك مىخانىزىمنى ئاشىاباد بىلەنمۇ يولغا قويالىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  تۈركمەنىستان – ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىنىستىرلار دەرىجىلىك ئۈچ تەەرپلىك ئۇچرىشىشلار ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تەرىپىدىن ئۈچىنچى دۆلەت سۈپىتىدە رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، خىتاي ۋە ئىران بىلەنمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشلىرى ئەنئەنىگە ئايلانغان تەقدىردە، ئاشخاباد – باكۇ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن بولىدۇ.

تۈركمەنىستان  بىتەرەپلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان، بولۇپمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تۈركمەنىستاننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پاراۋانلىق دۆلىتى بولۇشى تولىمۇ قىيىندۇر. شۇ ۋەجىدىن، تۈركمەنىستاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى تېخىمۇ پايدىلىق  بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر