8  - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى

بۈگۈن 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ...

1374206
8  - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى

 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۈگۈنكى كۈن،  (يەنى 8 – مات كۈنى) ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەشكە بېغىشلانغان ئىدى.

ھەر يىلى 8 - مارتتا، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە ئۇلار يېتىپ كەلگەن نۇقتىلار تەكىتلىنىدۇ ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى، ئازابلىرى ۋە ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ.

ھازىر دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ئاياللار باراۋەر پۇقرالار سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقلىرىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەدە مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. بىراق ئىگە بولغان ھوقۇقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىدە يەنىلا مەسىلىلەرساقلانماقتا. مائارىپ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قىلىش، زوراۋانلىققا ئۇچراش، سودا ھاياتى ياكى ئائىلىدە كەمسىتىلىش... قاتارلىقلار بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەۋجۇت مەسىلىلەردۇر. مەملىكىتىمىزدە قىزلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى ۋە ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتىدۇ.

ئوقۇمۇشلۇق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۈكسەك ئاياللار، دۇنيانى ھەر ساھەدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈسى.

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن!!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر