<باھار قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىلتاشنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى.

1373263
<باھار قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى

<باھار قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىدلىبنى مەركەز قىلغان ئۆزگىرىشلەر سۈرىيە توقۇنۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رۇسىيە قوللاۋاتقان بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە قاراشلىق قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ئارمىيەسى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە « M4» ۋە « M5» يوللىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇشۇنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشى،  ئىدلىبنى بىردىنلا دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 27 – فېۋرال كۈنى بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ تۈركىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 33 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى. بۇ ئەھۋال ئىدلىب كىرىزىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك جاۋاب قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. بۇ، «سۈرىيە ئۇرۇشىدا ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئەنە شۇنداق شەكىلدە بىر - بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سۈرىيە كىرىزىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.  

تۈركىيە «<باھار قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلدى. سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مابەينىدە، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە بۇنداق شەكىلدە بىر - بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلمىغانىدى. ئەنقەرە ھاۋا ساھەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا تاقاق بولۇشىغا قارىماي، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى، ھەمدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئىدلىب ئەتراپىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىك ئۇنسۇرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان 2500 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 100 گە يېقىن تانكىسى پاچاقلاپ تاشلاندى، ئىككى دانە « SU 24 » ۋە « L 36 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى. بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە بېرىلگەن زەربە بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى، توپچىلار باتارىيەلىرى ۋە كۆپلىگەن بىرونىۋىكلارمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە پەقەت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قارىتا ھۇجۇمغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزىدىغان بىر ھەربىي تاكتىكا ۋە ئىستىراتېگىيەنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئۇرۇش تارىخىدا يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەنقەرەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانى ناھايىتى روشەندۇر؛ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى «سوچى كېلىشىمى» دا بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيەسىگە چېكىنىشكە مەجبۇرلاشتۇر. لېكىن، ساھەدىن كەلەگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، « M4» ۋە « M5» يوللىرىنى بىرلا ۋاقىتتا كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سەراقىب رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنىڭ دائىم دېگۈدەك ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ كۈچنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرۇشىمۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي، موسكۋا ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، لېكىن، كېيىنچە پوزىتسىيەنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سەراقىب رايونىغا رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرىنى ئەۋەتكەن موسكۋا، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. بۇ تەبىئىي رەۋىشتە تۈركىيەنىڭ ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىگە ۋە دىققەت بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇشىغا سەۋەب بولماقتا. دەرۋەقە، ھەر ئىككى دۆلەتمۇ بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.

تۈركىيە «سوچى كېلىشىمى» دا بەلگىلەنگەن چېگرا لىنىيەلىرى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، موسكۋانىڭ نىيىتى باشقىدەك قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئاكتىيورنىڭمۇ توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئەلۋەتتە.

5 – مارت كۈنى بىر يەرگە جەم بولغان پۇتىن بىلەن ئەردوغان، 2018 – يىلى ئىمزالانغان «سوچى كېلىشىمى» گە قوشۇمچە 3 ماددىنى ئىلاۋە قىلىپ، ئىدلىب كىرىزىسىدە  يېڭى بىر ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ، « M4» تاش يولىنىڭ شىمالىدا ۋە جەنۇبىدا 6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر «بىخەتەر كارىدور» تەسىس قىلىنىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ   « M4» تاش يولى لىنىيەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشقا باشلىنىشى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېڭى بىر كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تاقابىل تۇردى، ھەمدە  ئۆكتىچىلەرنىڭ سالاھىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زامان قازانغان بولدى. گەرچە، موسكۋادىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئىدلىب كىرىزىسىگە ئۇزاق مەزگىللىك چارە تېپىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن، ۋاقىتلىق بىر فورمۇلا ئارقىلىق كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى. رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن ھۇجۇم باشلىتالمايدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق كاپالىتى بولمىسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە مەۋجۇت ساھەدىكى ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىدلىب كىرىزىسىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىشى مۇمكىن.

موسكۋادىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولسا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆرۈلۈپ، ئىدلىب مەسىلىسى تۈپەيلى خىرىسقا دۇچ كەلمەسلىكىدۇر. ئەمما ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئىدلىب كىرىزىسى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر