جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى

ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى (10)

1371694
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى

 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى

«ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باكۇ زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىمىز.

***** ***** *** **** *** *****

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان 8 – نۆۋەتلىك تۈركىيە- ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن  2020 - يىلى 25 – فېۋرالدا، باكۇدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى. ئاندىن ئىككى رەھبەر ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. تۈركىيە - ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 14 كېلىشىم ئىمزالاندى.

ھازىرغا قەدەر، ئىككى دۆلەت (TANAP) باكۇ - تىپلىس- قارس تۆمۈر يولى قاتارلىق چوڭ لايىھىلەرنى ئىمزالاشقان بولۇپ، باكۇدىكى يىغىندا، تۆمۈر يولى ۋە تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ نەھچىۋانغىچە ئۇزارتىلىشىغا دائىر كېلىشىم تۈزۈلدى. ئەنقەرە- باكۇ تۆمۈر يول لېنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان بولدى. ھازار (كاسپىي) دېڭىزىنى چۆرىدىگەن تۆمۈر يول لىنىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا لىنىيە ئارقىلىق شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز تۆمۈر يول تىرانسپورتى مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق شەرق بىلەن غەربتىكى تۈركىي خەلقلەرمۇ بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. تۈركىيە ئەزەربەيجان ئارقىلىق شەرققە ۋە تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلسا، ئەزەربەيجانمۇ تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە ۋە دېڭىز- ئوكيانغا ئېچىلالايدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم يادرولۇق كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە - ئەزەربەيجان سودا ئومۇمىي سوممىسى 2019 – يىلىدا 4.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. رەھبەرلەر بۇ ساننى 2023 - يىلى 15 مىلياردقا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا. ئەزەربەيجاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ سانى 4 مىڭغا يېقىنلاشتى. 15 خىل ئوخشىمىغان مەھسۇلاتتا ئۆز- ئارا تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئېتىبار بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قېتىمقى كېلىشىملەر، ئۆزئارا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش قاتارلىق نىشانلارنىڭمۇ ئەمەلگە ئېشىشىنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىدۇ.

******* *******

رەھبەرلەر باكۇدا خوجائىلى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن قاراباغنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى شۇنداقلا تۈركىيە ۋە قازاقىستاننىمۇ ئۆ. ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ كۈچلۈك ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلىشى پايدىلىق بولغۇسى.

بىخەتەرلىك ساھەسىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، رەھبەرلەر بۇ مانېۋىرلارنىڭ سانىنىڭ 2020 - يىلىدا كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاراباغنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشى ۋە رايون خاراكتېرلىق تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى شەرت.

تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزاسىز تۇرۇش مۇددىتى 90 كۈنگە ئۇزارتىلدى. بۇ ئەھۋال ئىقتىساد ۋە ساياھەت ساھەلىرى قاتارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشقۇسى.

**** ***** ***** *****

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ياخشى - يامان ھەر قانداق شارائىتتا بىر – بىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. ھەم دۆلەت رەھبەرلىرى، ھەم ئالاقىدار ئىدارە، ئورگانلىرى شۇنداقلا ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە خەلقلىرى ئەڭ دەسلەپ بىر – بىرىدىن ھال سورايدىغان، بىر – بىرىگە   ئەڭ دەسلەپ ياردەم قوللىرىنى سوزىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. تۈركىيە ئېلېكترونلۇق دۆلەت سىستېمىسى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئەزەربەيجان بىلەن ئورتاقلاشماقتا. ئەزەربەيجانمۇ چەتئەللەردە ھەممىدىن كۆپ تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقتا.  تۈركىيە شىركەتلىرىمۇ ئەڭ كۆپ ئەزەربەيجاندا پائالىيەت قىلماقتا. تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشنىڭ باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى زۆرۈر.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر