جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى (07)

1363376
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

ھۆرمەتلىك رادىيە ئاڭلىغۇچىلار! «ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلمىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىمىز.

***** ***** *** **** *** *****

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020يىلى 3فېۋرالدا ئۇكئانادا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتمۇ 1992يىلى 3فېۋرالدا ئورنىتىلغان ئىدى. ئەردوغان پايتەخت كېۋدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئارقىدىنلا 8نۆۋەتلىك تۈركىيە ئۇكرائىنا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى چاقىرىلدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 7 كېلىشم ئىمزالاندى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيە ئۇكرائىنا سودا مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت دەپ قارالماقتا. ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى مەزگىلدە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە تەڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تۈركىيە ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە ئېلىپ چىقتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي سىبىگا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجلىرى، بولۇپمۇ قورال سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ 200 مىليون لىرا ئىقتىسادىي ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ «Antonov-178» تىپلىق ئايروپىلانىغا ئىنتايىن قىززىقماقتا. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ئۇكرائىنادا ئايرىم زىيارەتتە بولىدۇ. بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ھەر ئىككى دۆلەتكە نۇرغۇن ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقى ئېنىق.

**** *** **** ********

ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن تەڭ يولغا قويۇلغان گىراژدانلىق كېنىشكى بىلەنلا ئۆزئارا ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسىمۇ مېۋىسىنى بېرىشكە باشلىدى. ئالدىنقى يىلى ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە بىر يېرىم مىليون ساياھەتچى كەلدى. تېخى 5 يىل ئىلگىرى بۇ سان 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.

سەھىيە ساياھىتى ساھەسىدىمۇ تۈركىيە ئۇكرائىنالىقلار ئەڭ كۆپ تاللايدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا شوپۇرۇلۇق كېنىشكىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ھېسابلىنىشىغا دائىر كېلىشىممۇ يالغۇز ياكى ئائىلە بويىچە زىيارەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى، ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ساياھەت ساھەسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.

كېۋدە چاقىرىلغان سودا مۇنبىرى يىغىنىدا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئىمزالىنىشى مۇمكىنلىكى ئېلان قىلىندى. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭى بىر سەۋىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ۋە 10 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىنى ئاسان ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالالايمىز. مۇشۇ باھاردا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان تۈركىيە ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا بۇ جەھەتلەردە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كېلىشى مۇمكىن. 

كېۋدىكى يىغىندا يەنە، ئۇكرائىنانىڭ «TANAP» لىنىيەسى ئارقىلىق ھازار تەبئىي گازىغا ئېرىشىش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇ ھەممەيلەنگە پايدا كەلتۈرۈدىغان بىر ئىش. ئىلگىرى تۈركىيە رۇسىيە تەبىئىي گازىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ئالغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇكرائىنا ھازار گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ئالىدۇ.

**** ***** *** ***** *****

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرانادا قىرىم تارتارلىرى، گاگاۋۇزلار ۋە ئاھېىسكا تۈركلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. ئۇكرائىنادىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تۈركىيە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كاپالەتچىلىرىدۇر.  تۈرك ھەمكارلىق تەشكىلاتى «TİKA» نىڭ ئۇلارغا قاراتقان پائالىيەتلىرى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېۋدە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەنىڭ قەتئىيىلىكىنى تەكىتلىشى ۋە رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئەسناسىدا «Slava Ukraine» يەنى ياشىسۇن ئۇكرائىنا! دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى رۇسىيەنى تەڭپۇڭلۇقتا تۇتۇش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن شېرىكلىشىپ قىرىم تارتالىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ بىنالارنى ياسايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە ئۇكرائىنا ئورتودوكىس چىركاۋىنىڭ رۇسىيەدىن مۇستەقىل بولىشىدا ئوينىغان رولى قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە رۇسىيەدە قولغا ئېلىنغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ. 

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ئۈنۈملۈك بولدى. ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا ۋە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شىمالدا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى نۇقتىسىدىن تولىمۇ پايدىلىق بولغۇسى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر