ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى ۋە تۈركىيە - ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى.

ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020 – يىلى 3 فېۋرال كۈنى ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا 1992 – يىلى 3 – فېۋرال كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانىدى. ئەردوغان كىيېۋدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى ئايرىم كۆرۈشتى. ئارقىدىن 8 – نۆۋەتلىك «تۈركىيە – ئۇكرائىنا ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ دائىرىدە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 7  تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلشىدا «تۈركىيە – ئۇكرائىنا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىلدى.

ھەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلەرنى «ئىستىراتېگىيەلىك» دەپ ئاتايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي سىبىگا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجلىرى، بولۇپمۇ قورال - ياراغ سېلىۋېلىشى ئۈچۈن 200 مىليون تۈركىيە لىراسى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ « Antonov-178 » تىپلىق ئايروپىلانىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.

ھەر ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش تۈزۈمىمۇ مېۋە بېرىشكە باشلىدى. ئالدىنقى يىلى ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە 1.5 مىليون ساياھەتچى كەلدى. تېخى بەش يىل بۇرۇنلا بۇ رەقەم 700 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.

سەھىيە ساھەسىدىمۇ تۈركىيە ئۇكرائىنالىقلارغا نىسبەتەن ئەڭ جەزبىدارلىق دۆلەتكە ئايلاندى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئەسانىدا ئىمزالانغان «شوپۇرلۇق كېنىشكىلىرىنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىش كېلىشىمى» مۇ، يەككە ۋە ئائىلىسى بىلەن ساياھەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، يەنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

كىيېۋدىكى سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىندا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى، 10 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسى نىشانىغىمۇ قولاي يېتىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد ئەتراپىدا بولۇپ، باھاردا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان «تۈركىيە  -م ئۇكرائىنا سودا – ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى» يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالىشى مۇمكىن.

كىيېۋدا ئۇكرائىنانىڭ ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق ھازارنىڭ تەبىئىي گازىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. دەرۋەقە، بۇ ھەممىگە پايدىلىقتۇر. ئىلگىرى تۈركىيە رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ئالاتتى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇكرائىنا ھازارنىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ئالىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنادا قىرىم تاتارلىرى، گاگاۋۇزلار ۋە ئاھىسكار تۈركلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇكرائىنادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەردوغاننىڭ كىيېۋدا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى ۋە رەسمىي قارشى ئېلىش ئەسناسىدا ئىشلەتكەن «سلاۋا ئۇكرائىنې (ياشىسۇن ئۇكرائىنا)» ئىپادىسى رۇسىيەنى تىزگىنلەش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بىرلىكتە قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى،  ئۇكرائىنا ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ موسكۋادىن مۇستەقىل بولۇشىدا ئوينىغان رولى، ئەنقەرەنىڭ تەڭپۇڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. تۈركىيە رۇسىيەدىكى تۇتقۇن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىدى.

يىغىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىزدا ۋە ئومۇمەن شىمالدا مۇھىم ئاكتىيور بولالىشى جەھەتتىن پايدىلىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر