4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرى

ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى (04)

1346236
4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرى

4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرى

 

4نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرى

 

 «ياۋرو ئاسىيانىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلمىدە، بۇ يىل بۇرسادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

***** ***** *** **** *** *****

دەرۋەقە 3نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرى 2018يىلى 2- سىنتەبىردىن 8 - سىنتەبىرگىچە قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2020يىلى 17يانۋاردا قىرغىزىستان كۈلتۈر، ئۈچۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئازامەت جامانقولۇۋ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزنىكتە ئۆتكۈزۈلىشىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قانداق پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئانالىزلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

تۈركىيەگە نىسبەتەن 4نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان كونكېرت پايدىلىرى بار. تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ يېڭى تەنتەربىيە تۈرىگە قىزىقىشى ۋە ئۆزلەشتۈرىشى ئېنىقلا گەپ. ئانادولۇ خەلقىنىڭ بۇ تەنتەربىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرىشى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەت خەلقلىرى بىلەن يېقىنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ پائالىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئالدىنقى پائالىيەتكە 3000 دىن ئارتۇق تەنتەربىيەچى قاتناشقان، 37 خىل تەنتەربىيە تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بولسا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 5000 تەنتەربىيەچىنىڭ قاتنىشىشى پىلانلانماقتا. ئەرەب دۇنياسى ۋە ئافرىقىنىڭمۇ ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلارغا قاتناشتۇرۇلىشى تۈركىيەگە پايدىلىق. تۈركىيە ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرغىچە خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرىگە قاتناشمىغان بىراق كۆچمەنلىك ئۆتمۈشى بولغان خەلق ۋە دۆلەتلەرنى خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائاليەتلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ئورتاق نۇقتىلارنى ئالدىنقى قاتارغا چىقارالىشى مۇمكىن.

خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائىلىيەتلىرى، خەلقئارا قىشلىق ۋە يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا نىسبەتەن ئىككىنچى بىر تۈرگە ئايلىنىش كۈچىگە ئىگە. دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىدە ئۆچمەي كېلىۋاتقان ئۇرۇش ئوتلىرى بەلكى تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ يېڭى ھەرىكەتنىڭ قولىدا كۆتۈرۈلگەن سوغۇك مۇز سۇلىرى بىلەن ئۆچىشى، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق مىراسىنى ياشنىتىشى مۇمكىن. 

تۈركىيە 4- نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئېچىلىش مۇراسىملىرىغا تەكلىپ قىلىپ، غەيرى رەسمىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنى ئاچالىشى ۋە بۇ ئارقىلىق مەۋجۇت دۇنيا سىستېمىسىدىن مەمنۇن بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى قايتىدىن ئوخشاش بولمىغان مۇنبەرلەر ئارقىلىق كەنتەرتىپكە ئېلىپ چىقالىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە 60 ياكى 70 مىڭ ئەتراپىدا ساياھەتچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ئىشقا سېلىپ تۈركىيە ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلالىشى مۇمكىن. قىسقىسى خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ساياھەت ساھەسىگە يېڭى بىر كۆزنەك بەخش ئەتكۈسى.

******* ** ** ****** ** *****

بۇ پائالىيەت تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا. تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى بۇ سايىدا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياڭراق شەكىلدە ئاڭلىتالايدۇ. ئىستانبۇلدىكى تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى ئىشخانىسى 2020يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە خالىسانە ۋە ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىدىغان خادىملار سانىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىشى لازىم.

خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى پەقەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كۈلتۈر، سەنئەت ساھەسىدىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. تۈركىيە 4نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، كۈلتۈر، سەنئەت ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ سىستېمىلىشىشىغا زور تۆھپە قوشالايدۇ.

تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئورگىنى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن ئورتاقلاشقان ھالدا 4نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە چوڭ كونفېرانس ۋە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. كۈچمەنلىك مەدەنىيىتىگە ئىگە تۈركلەرنىڭ ئورنى، كۆچمەنلىك پەلسەپىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخش ئەتكەن شۇنداقلا كەلگۈسىگە قارىتىلغان مەنپەئەتلىرى ھەققىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىلىم ئادەملىرى ۋە مۇتەپەككۈرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، تۈركىيەگە يېڭى نىشانلارنى يارىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.

ئالدىنقى پائالىيەت 60 دۆلەتتە نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتلغان ۋە 56 دۆلەتتىن 604 مۇخبىر پائالىيەتلەرنى تەقىب قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنى بولسا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە نەخ مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسىتىلىشىنى ۋە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ تەقىب قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا كۆچمەنلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئالەمشۇمۇل بىر تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئايلىنىدۇ ۋە پائالىيەتنى بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە چىقارغان دۆلەت تۈركىيە بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ تۈرك مىراسلىرىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىگە چىقىشى ۋە دۇنياغا تونۇتىشى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خەلقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئانادولۇنى تۈرك خەلقلىرىگە نىسبەتەن بىر جەزبدارلىق مەركىزىگە ئايلاندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغۇسى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر