بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ۋە داۋوس

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ئاقسارايدا بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

1345641
بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ۋە داۋوس

بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ۋە داۋوس

2020-يىلى 15-يانۋار (چارشەنبە) بۇلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ئاقسارايدا بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

بۇ قېتىمقى سودا كېلىشىمى مۇھىم كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭ ئىمزا قويمىدى؟

كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، كېلىشىم تېكستىدە 86 يەردە خىتاي مۇنداق قىلىشى ياكى ئۇنداق قىلىشى كېرەك دېگەندەك خىتاينىڭ ئادا قىلىشى ياكى ئىجرا قىلىشى كېرەك بولغان ماددىلارنىڭ بارلىقى، پەقەت 4-3 يەردە ئامېرىكانىڭ مەسئۇلىيىتى تەكىتلەنگەن ماددىلارنىڭ بارلىقى دېيىلىۋاتىدۇ... بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

خىتاينىڭ ئىقتىسادى كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ، شۇڭا، كېلىشىمدىكى 2020- ۋە 2021-يىلى خىتاي ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىدىغان 300 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ھەقىقەتەن ئالالامدۇ؟    

نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىنىدىغان داۋوس يىغىنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتامدۇ؟

 كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

يۇقىرىدىكى سوئاللار بويىچە، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق... 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر