تۈركىيەدىكى يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەدىكى يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى» تېمىلىق ئۇچۇرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

تۈركىيەدىكى يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى

تۈركىيەدىكى يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرلىرى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ باي رايونلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەدە 11 مىڭ ئەتراپىدا ئۆسۈملۈك تۈرى بار. بۇ ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ 3 مىڭغا يېقىنى بولسا، تۈركىيەگە خاس ئۆسۈملۈكلەردۇر.  تۈركىيە بۇ  جەھەتتە ياۋروپادىكىدىنمۇ كۆپ يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرىگە ئىگىدۇر.

تۈركىيەنىڭ بۇ بايلىقى، تاغلىق ۋە ئوڭغۇل – دوڭغۇل رايونلىرى بىلەن قىتئەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر جۇغراپىيەگە ئورۇنلاشقان بولۇشى ۋە پەرقلىق كىلىماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

كۈنىمىزدە تۈركىيە ناھايىتى كۆپ يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرىنى تېببىي ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرىمۇ ئانادولۇنىڭ مول – ھۇسۇللۇق زېمىنلىرىدا يېتىشكەن ناھايىتى كۆپ مەھسۇلات دۇنياغا تارقالغانىدى. تارىخىي كېلىپ چىقىشى ئانادولۇدا بولۇپ دۇنياغا يېيىلغان ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا گىلاس، بادام، ئۆرۈك، بۇغداي، نوقۇت، مەرجىمەك، ئەنجۇر قاتارلىقلار بار. ئانادولۇدىن دۇنياغا تارقالغان گۈل – گىيالار ئارىسىدا لالە، كاردەلەن ۋە چىگدەم قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر