يېڭى يىلنىڭ دۇنيادا تەبرىكلىنىشكە باشلىنىشى توغرىسىدا

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «يېڭى يىلنىڭ دۇنيادا تەبرىكلىنىشكە باشلىنىشى توغرىسىدا» تېمىلىق ئۇچۇرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1332855
يېڭى يىلنىڭ دۇنيادا تەبرىكلىنىشكە باشلىنىشى توغرىسىدا

يېڭى يىلنىڭ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئەنئەنە ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ھەر ساھەدە يېڭى بىر باشلىنىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان يېڭى يىل، دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدا پەرقلىق شەكىللەردە تەبرىكلىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئورتاق نىشانى كەلگۈسى يىلنىڭ ئۈمىد، موللۇق ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمىي تەتىل ۋە تەبرىكلەش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى يىلنىڭ تۇنجى قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 – يىللاردا بابىلدا تەبرىكلەنگەنلىكى خاتىرىلەنمەكتە. بابىللىقلاردا باھارنىڭ باشلىنىشى يېڭى يىلنىڭمۇ باشلىنىشى ئىدى.

مىلادىيە كالېندارى بىلەن بىرلىكتە 1 – يانۋار، ئاسترونومىك ياكى تېرىقچىلىق جەھەتتە ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، بۇ كالېندارنى ئىشلىتىدىغان كۈلتۈرلەر تەرىپىدىن يېڭى يىل سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلىدى.

تۈركىيەدە مىلادىيە كالېندارى 1925 – يىلى 26 – دېكابىردا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى تۇنجى قېتىم يېڭى يىلنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە يېڭى يىل لاتارىيە بېلىتى تارتىلدى. 1935 – يىلىدا 1 – يانۋارنىڭ رەسمىي تەتىل دەپ بېكىتىلىشى بىلەن بىرگە، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ ئەركىن شەكىلدە بايرام كەيپىياتى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلاندى.

 

مەنبە:

  • Bütün Dünya, Başkent Üniversitesi Kültür Yayını, Kasım 2003
  • “Türkiye Cumhuriyeti Tüm Üyelerin Daveti Üzerine Milletler Cemiyeti’nde”, Dr. Üner Kırdar’ın yazısı, Bütün Dünya 2000, Sayı: 2003/11

خەتكۈچ: #يېڭى يىل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر