ئورھان پامۇق ئەسەرلىرىنىڭ 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئورھان پامۇق» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1332280
ئورھان پامۇق ئەسەرلىرىنىڭ 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك يازغۇچى ئورھان پامۇقنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1952 – يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن ئورھان پامۇق، نوبېل مۇكاپاتى ئالغان تۇنجى تۈرك دېگەن نام بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى ۋە شۇ يىلى «تايم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك 100 ئادىمىنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

20 ياشلارغا كىرگۈچە رەسسام بولۇشنى ئويلاپ يۈرگەن، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان ئورھان پامۇق، نە بىناكار، نە رەسسام بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىدى. بىراق بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن شۇغۇللانمىدى ۋە 1974 – يىلى يازغۇچى بولۇشقا بەل باغلاپ، خانىسىگە بېكىنىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.

دۇنيا مىقياسىدا  ئەسەرلىرى كۆپ سېتىلغان يازغۇچىلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئورھان پامۇق، تۈركىيەنىڭ مۇرەككەپ تارىخىنى ئەنئەنىۋى ياۋروپا يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بويىچە ئىپادىلىگەن رومانلىرى ئارقىلىق دۇنيادا نامىنى چىقاردى. 2006 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، رومانلىرىغا بولغان قىزىقىشنى دۇنيا مىقياسىدا يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ تۈركىيەدە روياپقا چىققان ئۆزىگە خاس ھېكايىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەسەرلىرى 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە پۈتكۈل دۇنيادا 13 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلدى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر