ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەۋاتىمىز.
616824

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، جەمئىيىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايتى مۇشەققەتلىك ۋەزىپە زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىمىز.
پارلاق ئىستىقبالنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۆيگۈ – مۇھەببىتى بىلەن ياخشى تەربىيەلەپ چىقىدىغان تالانتلىق ياشلار ئارقىلىقلا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئەنە شۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىمىزنى، كېلەچەكنى بەرپا قىلىشتا ھەمىشە ئۇلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلىتىمىز. ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.