بۈگۈن ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى

بۈگۈن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە...

بۈگۈن ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 81 - يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنى سۆيگۈ، چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز.

«چاناققەلئە ئۇرۇشى» مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» دىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يېڭىلىپ، دۆلەت تېرروتېرىيەسى غايىب دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشقا باشلىغان چاغدا، تۈركىيە خەلقى رەھبەرلىك قىلىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

بۇ  كۈرەشنىڭ زەپەر  بىلەن ئاخىرلىشىشى نەتىجىسىدە لوزاندا تۈزۈلگەن «تىنچلىق كېلىشىمى» گە ئاساسەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولدى، ئارقىدىن « ئاتاتۈرك» فامىلىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆزى قوزغىغان ئىنقىلابلار سايىسىدا زامانىۋى بىر  جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلىشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇنى يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر