ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋاسى ۋە خىتاي يۈك پويىزى ھەققىدە سۆھبەت

«كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئامېرىكادا داۋام قىلىۋاتقان پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋالىرى ۋە خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن يۈك پويىزى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق...

ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋاسى ۋە خىتاي يۈك پويىزى ھەققىدە سۆھبەت

ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋاسى ۋە خىتاي يۈك پويىزى ھەققىدە سۆھبەت

ئامېرىكا تارىخىدا، پىرېزىدېنتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دەۋاسى پىرېزىدېنت ترامپقا مۇناسىۋەتلىك دەۋانى ھېسابلىغاندا تۆتىنچى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ دەۋادا پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلسا، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ پىرېزىدېنت ئالماشسا سودا ئۇرۇشى داۋاملىشامدۇ؟ داۋاملاشسا قانداق شەكىلدە داۋاملىشىشى مۇمكىن؟ 2020-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟

خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ 2019-يىلى 6-نويابىر (چارشەنبە) پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن يۈك پويىزى، خىتاي 2013-يىلى ئېلان قىلغان «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسىنىڭ بىر پارچىسىمۇ؟ بۇ يۈك پويىزلىرى بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

يۇقىرىدىكى سوئاللار بويىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر