ئانتاليادىكى «ئاسپېندوس» قەدىمىي تىياتىرخانىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئاسپېندوس» قا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1279311
ئانتاليادىكى «ئاسپېندوس» قەدىمىي تىياتىرخانىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ئانتاليادىكى «ئاسپېندوس» قەدىمىي تىياتىرخانىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانتاليادىكى «ئاسپېندوس» قەدىمىي تىياتىرخانىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنىپ قالغان قەدىمىي تىياتىرخانىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە سېلىنغان ئاسپېندوس تىياتىرخانىسى، سېلىنغان دەۋردىن بۇيان ھەرخىل مەقسەت – مۇددىئالار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بىر قۇرۇلۇش. مىمارى زېنون، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆزى كۆيۈپ قالغان قىزنىڭ ئاتىسىنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ تىياتىرخانىنى سالىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش سايىسىدا قىزنىڭ ئاتىسىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە تويىنى بۇ تىياتىرخانىدا قىلىدۇ.

ئاسپېندوس قەدىمىي تىياتىرخانىسىدا يۇقىرىدا 21، تۆۋەندە 20 قاتار ئورۇندۇق بار. تاماشىبىنلارنىڭ ئەركىن – ئازادە ئولتۇرالىشى ئۈچۈن بارغانسېرى كېڭىيىپ ماڭىدىغان بىر پەلەمپەي سىستېمىسى بار. قۇرۇلۇش سېلىنغان دەۋرنىڭ رەسمىي مېھمانلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، كىرىش قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى ئورۇن ئېمپىراتور ئائىلىسىگە ئايرىلغان.

سەلجۇقىيلار دەۋرىدە تۇرالغۇ قىلىپ ئىشلىتىلگەن، سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئالائۇددىن كەيكۇبات بىر قىسمىنى ساراي قىلىپ ئىشلەتكەن تىياتىرخانا، ھازىرقى كۈندە خەلقئارا ئاسپېندوس ئوپېرا ۋە بالې فېستىۋالىغا ۋە باشقا بىر قاتار خەلقئارالىق كونسېرتلارغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر