مەسىلە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى تەنقىد قىلىشمۇ؟

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يولغا قويغان تىنچلىق سىياسىتى.

مەسىلە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى تەنقىد قىلىشمۇ؟

مەسىلە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى تەنقىد قىلىشمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بەزىدە ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ  ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قالدۇرغان مىراسمۇ ئەنە شۇنداق مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قانداق قاراش دائىم دېگۈدەك تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. يېقىندا لىۋان پىرېزىدېنتى مايكېل ئەۋن «لىۋان قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، فىرانسسۇزلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ مۇستەقىل بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە «دۆلەت تېررورى» يۈرگۈزۈش بىلەن بوھتان چاپلىدى. بۇنداق ئەھۋاللار پات - پات غەرب ئەدەبىياتىدا ۋە بەزى ئەرەب ئەللىرىنىڭ دەرەسلىك كىتابلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.

ئۇدا 600 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئىمپېرىيە ۋە ئۇنىڭ  يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئەلۋەتتە كۆپ جەھەتتىن تەنقىد قىلىش مۇمكىن. ئەمما جاھانگىر دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىمۇ ئىشغالچىلىق، ئوخشىمىغان كىملىكلەر ۋە مەدەنىيەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەش ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بوھتان چاپلىغانلىق بولىدۇ. تۈركىيەدە بەزىلەر، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىد قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر شۇنداق سىياسەتنى يولغا قويغان بولسا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھۆكۈم سۈرگەن تېرروتېرىيەلەردە نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار ياشىغان بولاتتى. ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەللەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوخشايدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، بۇ قاراش ئاساسسىزمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ، شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇنداق بىر سىياسەتنى يولغا قويماسلىقى، ئۇنى جاھانگىر دۆلەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يولغا قويغان تىنچلىق سىياسىتى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۇزۇن يىللار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن جۇغراپىيەلەر بۈگۈنكى كۈندە گويا قان كۆلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرا شەرق، بالقان رايونلىرى ۋە ئافرىقا قىتئەسىنى ئۇزۇن يىللار تىنچلىق ئىچىدە، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەتكىلى بولمايۋاتقان كۆپ مەنبەلىك، ئوخشىمىغان دىن، مەدەنىيەت ۋە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا باشقۇرغان. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ۋاقتىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىدىكى بارلىق ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا ئاساسەن ياشىيالىشى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەينەن داۋام ئەتتۈرەلىشىدۇر.  

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ خۇش پېئىللىق ھەم كەڭ قورساق سىياسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تىنچلىق سىياسىتى» تەرىقىسىدە ياد ئېتىلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئىشقا ئاشۇرغان كۆپ مەنبەچىلىكنىڭ قەدىر – قىممىتىنى، ئامېرىكىنىڭ كەشپ قىلىنىشىدىن كېيىن يەرلىكلەر دۇچ كەلگەن مۇئامىلە، يەرلىكلەرنىڭ دىنى ۋە تىلىنىڭ يوقىلىشى؛ ئەنگلىيەنىڭ تۆۋەن ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدا پەقەت 150 يىللا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ جايلاردا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي تىللىرىنىڭ ئىنگىلىزچە بولۇشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

بەزىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك، ئەگەر  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىمۇ كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىگە ئوخشاشلا بېسىم سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىدى، لىۋان پىرېزىدېنتىنىڭ ئىسمىنىڭ «مايكېل ئەۋن» بولۇشى ۋە خىرىستىيان قالالىشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئۆزىگە ئوخشاشلا ھەم لىۋانلىق ھەم خىرىستىيان بولغان، ھەمدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىسى بولغان ئامىن مائالوفنىڭ «جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىگە سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا نەزەر» دېگەن ئۇقۇمنىمۇ بىلدۈرىدىغان مۇنۇ سۆزلىرى، ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ پىرېزىدېنتىغا بەرگەن جاۋابقا ئوخشايدۇ:

«ھېچقانداق بىر دىننى خۇش پېئىللىقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئىككى <رەقىب> دىنغا نەتىجە ئېتىبارى بىلەن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىسلام دىنىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئەجدادلىرىم، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان بىر دۆلەتتە خىرىستىيان بولۇشنىڭ ئورنىغا، خىرىستىيانلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان بىر دۆلەتتە مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ، 14 ئەسىر بويىچە يېزا – قىشلاقلار ھەم شەھەرلەردە ياشىيالىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. مەسىلەن، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ سىجىليادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتىچۇ؟ ھەممىسى يوقىلىپ كەتتى. بىرمۇ كىشى قالمىغانغا قەدەر قەتل قىلىندى، سۈرگۈن قىلىندى، ياكى مەجبۇرىي خىرىستىيان قىلىۋېتىلدى.»

ئىسرائىلىيەلىك تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى يېقىنقى مەزگىللەردىكى مەشھۇر يازمىلىرى، يۇۋال نوئاھ ھارارىنىڭ «‹ھۆرىيەت› گېزىتى» دىكى سۆھبەت خاتىرىسىمۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك ۋە خۇش پېئىللىقنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە:

«ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسى ھەققىدە توختالغاندا، خۇش پېئىللىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ... 1600 – يىلى پارىژدا ھەممە ئادەم كاتولىك ئىدى. بىر پروتېستان شەھەرگە كىرگەن ھامان دەرھال ئۆلتۈرۈلەتتى. لوندوندا بولسا ھەممە ئادەم پروتېستان ئىدى. بىر كاتولىك شەھەرگە كىرگەن ھامان  دەرھال ئۆلتۈرۈلەتتى. ھېچكىم مۇسۇلمانلارنى خالىمايتتى... ھالبۇكى، دەل شۇ مەزگىللەردە ئىستانبۇلدا ئوخشىمىغان مەزھەپلەرگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار، كاتولىكلار، ئەرمەنلەر، ئورتودوكسلار، رىملار، بۇلغارلار ئىناق ۋە شاد – خۇراملىق ئىچىدە ياشايتتى.»

تارىخنى مەلۇم بىر پىلاننىڭ بىرەر ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىنى پارچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش...

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە چاپلانغان بوھتانلارغا قارىتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەكىلدە، ياكى باشقا شەكىللەردە جاۋاب بېرىش مۇمكىن. ئەمما ئاساسلىق مەسىلە بۇ ئەمەس. مەسىلە جاھانگىرلىكنىڭ «بۆلگىن، پارچىلىغىن، باشقۇرغىن» ئىستىراتېگىيەسىدۇر. ئەسىرلەرچە پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋە تىنچلىق ئورنىتىلىشتا ئەڭ مۇھىم قىممەت ئۆلچىمى بولغان ئىسلامنىڭ، ھازىرمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئەڭ ئاساسلىق بىر قىممەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ قىلىنالماسلىقىدۇر.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن ئوسمانلى جۇغراپىيەسىدىكى ئەللەر (بالقان، ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى ۋە ئافرىقا قىتئەسى) نىڭمۇ داۋاملىق پارچىلىنىشى نىشان قىلىنغان. مىكرو سەۋىيەدە شەكىللەندۈرۈلگەن ئېتنىك، دىنىي، مەدەنىيەت، مىللەتچىلىك قاتارلىق يېڭى كىملىكلەر ئارقىلىق بۇ جۇغراپىيە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پارچىلانماقتا. بۇ جۇغراپىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ، يېڭى چېگرا لىنىيەلىرى سىزىپ چىقىش پىلانلىرىنىڭ ئۇقۇمى دەل مۇشۇ. بۇ دائىرىدە تارىخنى جاھانگىرلىكنىڭ نىشانىغا يېتىش ۋاسىتىلىرىغا ئايلاندۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ ئەھۋالدا، «تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە يەكۈن چىقىرىشنى تارىخشۇنالارغا قالدۇرايلى» دېسە، ھېچكىم قۇلاق سالمايدۇ. ھەممە نەرسىنى ئۆز نىشانىغا يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدىغان جاھانگىرلىكنى «نىشانىدىن ۋاز كېچىدۇ» دەپ ئويلاش مۇمكىنمۇ؟

ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟

شۇ ۋەجىدىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ قىممىتىگە يېتىش، ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە قالغان بىر نەرسىنىڭ، ياكى كەچمىشنىڭ قىممىتىنى بىلىش ئەمەستۇر. ئەكسىچە، ھازىرقى دەۋرگە ۋە كەلگۈسىگە قارىتا يۆلىنىشىنى بەلگىلەشتۈر. سىياسىيونلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى يۇقتۇرۇۋالغان غەربلىشىش ۋىرۇسى سەۋەبىدىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى زىيالىيلارنىڭ بۇ ھەقتە سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلىگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. غەربلىشىش ئارقىلىق ئۆز خەلىقىدىن، ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن، قىممەت ئۆلچەملىرىدىن ئايرىلىپ قالغان زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلار، غەربتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى پارچىلىغان پىكىرلەرنىڭ تايانچىغا ئايلىنىپ قالغان.

بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى جۇغراپىيەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ غەربلىشىش ئەلگىكىدىن  ئۆتكەن زىيالىيلىرى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە ئۆز خەلقىگە بولغان قارىشىمۇ بۇنىڭدىن پەرقلىق ئەمەستۇر.

ھالبۇكى، بالقان ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. نۆۋەتتە بۇ دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۆز تارىخى، ئۆز خەلقى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ياتلاشقان زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۆز دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىشقا دۇچار قىلىش بولۇۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، جاھانگىرلىكنىڭ مەلۇم مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان نىشانلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆتمۈشكە، كۈنىمىزگە تارىخى، خەلقى ۋە رايونى بىلەن تىنچلىق ئاساسىدا بىر گەۋدىلىكنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا نەزەر تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاكادېمىكلار، زىيالىيلار، ئالىملار، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار، ھەربىر رايوننىڭ ئەقىل پاراسەتلىك زاتلىرى ئورتاق ئاڭنى مەركەز قىلىپ، تارىخنىڭ جاھانگىرلىكنىڭ مەلۇم نىشانىغا يېتىش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا، رايوننىڭ تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىشىغا قارشى چىقىشى لازىم. جاھانگىرلىكنىڭ سىياسىي نىشانلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، پەقەت ئۆز پەنجىرىسىدىنلا نەزەر تاشلىماسلىق كېرەك. رايون سىرتىدىن كەلگەن پارچىلىغۇچى ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ ئۆز تارىخىدىن، ئەنئەنىسىدىن، مەدەنىيىتىدىن بىباھا گۆھلەرلەرنى تۇتقا قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى پىكىرلەر ھەققىدە ئويلىنىش لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى، تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىپ، ئۆزئارا دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ پەرىشانلىق كوچىسىغا كىرىپ قېلىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئاسانلا جاھانگىرلىكنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر