ئايران ئاشى چوربىسى

«ئايران ئاشى چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1257759
ئايران ئاشى چوربىسى

ئايران ئاشى چوربىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قېتىق تۈرك تائام مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. سىز قېتىقنىڭ دۇنياغا تۈركلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تارقالغانلىقىنى، ھەتتا «قېتىق» ئىبارىسىنىڭ كۆپلىگەن تىللارغا تۈرك تىلىدىن كىرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ دۇنيادا 19 – ئەسىردىن ئېتىبارەن كەڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغان بۇ مىسلىسىز ئۇزۇق، تۈرك ئاشخانىلىرىدا قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىشلىتىلمەكتە. ئەلۋەتتە تۈرك ئاشىانىلىرىدا قېتىق بىلەن بىرلىكتە ئېتىلىدىغان تائاملارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپتۇر. بۇلاردىن بىرى «ئايران ئاشى چوربىسى» دۇر.  بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، «ئايران ئاشى چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«ئايران ئاشى چوربىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 1 يېرىم ئىستاكان نوقۇت
  • بىر ئىستاكان بۇغداي
  • 3 ئىستاكان قېتىق
  • 5 ئىستاكان سۇ
  • بىر تاتلىق قوشۇقى قۇرۇق ياكى ھۆل پىننە
  • تۇز
  • قارىمۇچ

«ئايران ئاشى چوربىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بۇغداي بىلەن نوقۇتنى بىر كېچە ئىلگىرى سۇغا چىلاپ قويۇڭ.
  • ئەتىسى كۈنى سۇنى تۆكۈپ، بۇغداي بىلەن نوقۇتنى يۇغاندىن كېيىن، ئۈستىگە سۇ قويۇپ، قاينىتىڭ.
  • قاينىغاندىن كېيىن، ئوتنى بىرئاز پەسەيتىپ، بۇغداي بىلەن نوقۇت تاكى يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ.
  • پىشقان چاغدا ئوتنى ئۆچۈرۈپ، بۇغداي بىلەن نوقۇتنىڭ سوغۇشىنى كۈتۈڭ.
  • قېتىقنى تۇز ۋە قارىمۇچ بىلەن بىرلىكتە قوچىلاڭ.
  • سوغۇغان بۇغداي بىلەن نوقۇتقا قېتىقنى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ، ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىڭ.
  • سوغۇغان چاغدا، ئۈستىگە قۇرۇق ياكى ھۆل پىننە، ۋەياكى قارىكۆز بەدىيان سېپىپ، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر