چاناققەلئە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/26

1223203
چاناققەلئە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

چاناققەلئە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

چاناققەلئە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە چاناققەلئەنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

چاناققەلئە تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان بىر شەھەردۇر. ئانادولۇ بىلەن تىراكيانى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان نۇقتىغا جايلاشقان بۇ شەھەر، جوغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن باشقا يەنە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

چاناققەلئەنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000يىلىدىن بېرى ئولتۇراق رايون بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. چاناققەلئە بۇغۇزى ئانادولۇ بىلەن ياۋروپانى ۋە ئاق دېڭىز بىلەن قارا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇدىغان ئىككى نۇقتىلىق رايونىمىزنىڭ بىرسىدۇر.  بۇ ئالاھىدىلىكى چاناققەلئەنىڭ تارىخ بويىچە كۆپلىگەن ئىستىلا ۋە كۆچۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە چاناققەلئەنى تالان تاراچ قىلىش ئۈچۈن رايونغا باستۇرۇپ كەلگەنلەر بولغانغا ئوخشاش ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارمۇ داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ ھەر ئىككى ئەھۋال ئۆزئارا مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تىزلەتكەن بولۇپ، كۈلتۈر نۇقتىسىدىن بۇ خىل يۇغۇرۇلۇش يۈزلىگەن يىللارغىچە بەزىدە ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان ئىدى. نەتىجىدە تولىمۇ رەڭلىك بىر تارىخ جوڭلانمىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.  

فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ دەۋرىدە بۇغۇزنىڭ ئەڭ تار يېرىگە (يەنى ياۋروپا ياقىسىغا) كىلىتباھاىر قەلئەسى، ئانادولۇ ياقىسغا سۇلتانىيە يەنە بىر ئىسمى بىلەن چاناققەلئە قەلئەسى ياسالغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئىسمى دەل ئانادولۇ ياقىسىغا ياسالغان چاناققەلئە قەلئەسىدىن كەلمەكتە.

بۇ رايوندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200يىللىرىدا تىرويا خەلقى ياشىغان بولۇپ، تىرويا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن ئاقالار ئولتۇراقلاشقان، ئەگە كۆچۈشلىرى بىلەن ھەر خىل مىللەتلەر يېتىپ كەلگەن ئىدى.  ئاندىن ئانادولۇدا يازما تارىخ نۇقتىسىدىن بىر زۇلمەتلىك دەۋر باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن رەت بويىچە لىديا پادىشاھلىقى، پارىسلار، ماكېدونيا پادىشاھلىقى، رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن ئىدى. ئاخىرىدا ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن تۈركلەرنىڭ زېمىنىغا ئايلانغان ئىدى.

چاناققەلئەنىڭ ئىسمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش بىلەنمۇ خاتىرىلىنىدۇ. 1دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا چاناققەلئە بۇغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇ يەردىن قارا دېڭىزغا چىقىشنى نىشان قىلغان ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قىسىملىرى چاناققەلئە بۇغۇزىنى قورشاۋغا ئالغان ئىدى.  تۈرك ئەسكەرلەر ھايات - ماماتلىق كۈرەشكە ئايلانغان بۇ ئۇرۇشتا رايوننىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىنى جان تېكىپ قوغداپ، دۈشمەنلەرنىڭ بوغۇزدىن ئۆتىشىگە قەتئىي يول قويمىدى. ھەم قۇرغۇلۇقتىن، ھەم دېڭىزدىن قىلىنغان ھۇجۇملارنى غەلىبىلىك چېكىندۈرۈپ، تارىخقا يېزىلىدىغان كاتتا زەپەرنى قولغا كەلتۈردى.

چاناققەلئە ۋىلايىتى دائىرىسىدە ئورۇن ئالغان ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قانلىق تۇقۇنۇشى يۈز بەرگەن گەلىبولۇ يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى گويا بىر ئۇرۇش مۇزىيىغا ئوخشايدۇ. ۋەتەنلىرىنى ۋە ۋەتەن زېمىنىنى فوغداش يولىدا شېھىت بولغان ئون مىڭلارچە قەھرىمان تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئاتاپ ياسالغان خاتىرە مەقبىرىلەر ۋە شېھىتزارلىقنى دەل شۇ يەردە كۆرەلەيسىز. 

گەلىبولۇدا بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشغالىيەتچى قىسىملاردىن ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ مازارلىقلىرى مەۋجۇت.

ئەگەر چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئىزلىرىغا شاھىت بولۇشنى خالىسىڭىز، ئانزاق يېزىسى، كىلىتباھىر قەلئەسى، نامازگاھ قورغىنى، چونبايىر، يالغۇز قارىغاي خاتىرىگاھى، 57 - پىيادە قىسىم شېھىتزارلىقى، سەددۇلباھار قەلئەسى ۋە شېھىتلەر ئابىدەسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىسىڭىز بولىدۇ.

ئانزاق يېزىسىدا ئانزاق ئەسكەرلىرى دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ نۇرغۇنلىرى ئۆلگەن ئىدى. ھەر يىلى 25ئاپرىل كۈنى ئۇلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىر بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ نەۋرىلىرى بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئورتاق تۇيغۇ بىلەن قاتنىشىدۇ ۋە ئوخشاش قايغۇ - ھەسرەتلەرنى ھېس قىلىدۇ.

گەلىبولۇ يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى بۇ ئالاھىدە تارىخى سەۋەبىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان دۆلەتلىك باغچىلار ئارىسىدا سانىلىدۇ.

چاناققەلئەگە بارسىڭىز گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدىكى شېھىتزارلىقلاردىن باشقا يەنە، ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» تەرىپىدىن دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تىروۋا ئارخىئولگىيەلىك رايونىنىمۇ زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ئاسسوستىكى ئافىنا ئىبادەتخانىسى، تارىختا تۇنجى قېتىم گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن كارتاغلىرى، گۆكچە ئارىلى ۋە بوزجا ئارىلىمۇ ساياھەت قىلىشىڭىزغا تېگىشىلىك يەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

 ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا چاناققەلئەنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر