كونيا بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/24

كونيا بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

كونيا بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

كونيا بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە كونيانى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

كونيا ئىچكى ئانادولۇغا جايلاشقان بىر شەھەر شۇنداقلا تۈركىيە تارىخىي ۋە كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇھىم مەركەزلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۈرلىرىدىن مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بۇ شەھەرنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، رايوندا ئولتۇراق تۇرمۇشنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9000يىللاردا باشلانغانلىقى مەلۇم. شەھەر مەركىزىگە يېقىن يەردىكى چاتالھۆيۈك، دۇنيا تارىخىدا بۈگۈنگە قەدەر بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زامان تاش دەۋرىنىڭ ئولتۇراق مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. چاتالھۆيۈك يەنە، دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم يېمەك كۈلتۈرى باشلانغان، تېرىقچىلىق قىلىنغان، ئوت ئىشلىتىلگەن، ئولتۇراق تۇرمۇشكە ئۆتۈلگەن ۋە ۋەھشىي ھايۋاانلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئورتاق مۇداپىئە مەركىزى قۇرۇلغان جايدۇر. 

كونيادا مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ھىتىىتلار، فىرىگلەر، لىديالىقلار، پارىسلار ۋە ماكېدونلار ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى. ئاندىن رىم ۋە ئەرەب ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، تۈركلەر ئانادولۇغا كەلگەندىن كېيىن سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان، ئاندىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تەۋەلىكىگە ئايلانغان ئىدى. 

كونيا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز باغرىدىكى خىل مەدىنىيەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان ئۆزگىچە سەنئەت ئەسەرلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىپ كەلمەكتە. كونيادا سىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3500يىللىرى ياسالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچراتالايسىز.  ھەتتا ئانالدولۇدىكى ئەڭ قەدىمىي خىرىستىيان چىركاۋلىرى ۋە ئەڭ قەدىمىي موناستىرلارنىمۇ يەنە مۇشۇ رايوندا كۆرگىلى بولىدۇ. 

سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان كونيا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يېپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ۋە تىجارەت مەركەزلىرىنىڭمۇ بىرسى ھېسابلىنىتاتتى. ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە يۈزلىگەن يادىكارلىقلار ئورۇن ئالغان شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق ئىسلام ئالىملىرى يېتىشكەن دىياردۇر كونيا.  

كونيا ئانادولۇ سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانلىرى، ۋەزىرلىرى ۋە مۇھىم تارىخىي زاتلارنىڭ مەقبىرىسى، ۋەقىپ يادىكارلىقلىرى، ياساتقان جامەلىرى، مەدرىسەلىرى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. 13ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم شائىر، ئالىم، دىنىي مۇتەخەسسىسى ۋە مۇتەسسەۋۇپلاردىن بىرسى بولغان مەۋلانادا جەلالىددىن رۇمىمۇ كونيادا ياشىغان بولۇپ، مەقبىرىسى  يەنە مۇشۇ شەھەردە ساقلانماقتا.

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى ۋاپات بولغىنىغا قانچىلىغان ئەسىرلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاراشلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ئوقۇلماقتا ۋە قۇبۇل قىلىنماقتا. ئەسەرلىرى ئونلىغان تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقالماقتا. كونيادا مەۋلانا مەقبرىسى ۋە مۇزىيى دەل مۇشۇ نۇقتىدىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. مەۋلانىنىڭ دەرگاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزىيىدا، دەرۋىشلەرنىڭ قونالغۇلىرى، ساماخانا، شەببى ئارۇس كۆلى ۋە مەسجىدىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مۇزىيىدا يەنە مەۋلانا ۋە مەۋلىۋىلىككە ئائىت ئەسەرلەر قول يازما ھالىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا. لەۋھەلەر، شامدانلار ۋە مۇزىكا ئۈسكۈنىلىرىمۇ بار.

مەۋلانا مۇزىيىدا يەنە، مەخسۇس كۈتۈبخانا بولۇپ، ئۇنىڭدا شەلجۇقىيلار، قارامانئوغۇللىرى ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە تەۋە تۆت مىڭدىن ئارتۇق قول يازما ئەسەرلەر بار. بۇ ئەسەرلەر  ئېلېكتىرونلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇتەخەسسىلەر ۋە تەتقىقاتلارچىلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلدى. 

كونيا جامىلەر، مەدرىسىلەر ۋە ئۈستى يېپىق بازارلار شەھىرى دەپمۇ بىلىنىدۇ. مەۋلانانىڭ قەلب دۇنياسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان ئىسلام ئالىمى شەمس تەبرىزى نامىغا سېلىنغان جامى، ئىپلىكچى جامى، شەراپەتتىن جامى، شەيىخ سەدىرىددىن كونۋى جامى، ئاللائىددىن جامى، ئەزىزىيە جامى قاتارلىق بىر - بىرىدىن مۇھىم ئۆزگىچە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە جامەلەر  بار.

قاراتاي مەدرىسەسى، ئىنجە مىنارە مەدرىسەسى، سىرجالى مەدرىسەسى، ئوبرۇك بازى، زازادىن بازىرى، پامۇقچۇ بازىرى، ساھىباتا كۈللىيەسى ۋە مەھمۇت پاشا كۈللىيەسى كونيادا سىزنى قانچىلىغان ئەسىرلىك تارىخ سەيلىسىگە چىقىرىدىغان يادىكارلىقلاردۇر. 

كونيادا ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم تروپىك بەلۋاغ كېپىنەك باغچىسى بار . تەخمىنەن 8000 كىۋادىرات مېتىرلىق بۇ باغچىدا شەكىللەندۈرلگەن تەبىئىي مۇھىتتا ئونلىغان كېپىنەك تۈرى ۋە تروپىك بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرى مەۋجۇت.

كونيا يەنە، دەسلەپكى خېرىستىيانلىق دەۋرىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئانادولۇدكى تۇنجى چىركاۋلاردىن بىرسى بولغان ۋە 300يىللىرى ياسالغان ئايا ئەلېنا چىركاۋى كونيادا ساقلانماقتا.

كونيا مانا بۇ بارلىق ئالاھىدىكلىرى بىلەن يىلىغا 3 مىليوندىن كۆپرەك يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالماقتا. ئەگەر سىزمۇ كونياغا بارسىڭىز، مەۋلانا كۈلتۈر مەركىزىدە ساما نومۇرلىرىنى كۆرۈشنى ۋە ئالائىددىن چوقۇسىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ. كونيانىڭ گۆش نېنىنى، باميا سۈيۈق ئېشىنى ۋە دوخاپكا كاۋىپىنى تېتىپ باقماي تۈرۈپ ھەرگىز قايتماڭ.   

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا رىزەنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر