دۇنيانىڭ بىردىنبىر مۇزىكىسىز خەلق ئۇسسۇلى- قىلىچ – قالقان

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «قىلىچ – قالقان ئۇسسۇلى» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1216442
دۇنيانىڭ بىردىنبىر مۇزىكىسىز خەلق ئۇسسۇلى- قىلىچ – قالقان

دۇنيانىڭ بىردىنبىر مۇزىكىسىز ئۇسسۇلى - قىلىچ - قالقان

دۇنيانىڭ مۇزىكىسىز بىردىنبىر خەلق ئۇسسۇلىنىڭ «قىلىچ - قالقان ئۇسسۇلى» ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۇنيانىڭ مۇزىكىسىز بىردىنبىر خەلق ئۇسسۇلىنىڭ 1326 – يىلىدىن بۇرۇنقى بۇرسا مۇھاسىرىسى ئەسناسىدا زېرىكىپ كەتكەن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوينالغان قىلىچ  - قالقان ئۇسسۇلى ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

بۇرسا قىلىچ – قالقان ئۇسسۇلى مۇزىكىسىز بولۇپ، ئويناش جەريانىدا قىلىچ – قالقاننىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان رىتىملىق ئاۋازلار ئۇسسۇلنىڭ ئارگىنال مۇزىكىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دۇنيادا مۇزىكىسىز ئوينىلىدىغان باشقا بىر ئۇسسۇلنىڭ بارلىقى مەلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قىلىچ – قالقان ئۇسسۇلى ئىنتايىن تەبىئىي ئۇسسۇل دەپ قارىلىدۇ. 700  يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان دەسلەپكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى ۋە ئوخشاش ھالەتتە ئوينىلىدىغان بولۇشى بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «قىلىچ – قالقان ئۇسسۇلى»  توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر