مودېرن دەۋر ۋە رامىزانلار

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «مودېرن دەۋر ۋە رامىزانلار» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

مودېرن دەۋر ۋە رامىزانلار

مودېرن دەۋر ۋە رامىزانلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۆزلىرىمنى خىتاينىڭ «غەلىتە زامانلاردا ياشىغايسەن» دېگەن بىر بەددۇئاسى بىلەن باشلايمەن. خىتايلارنىڭ تولۇق مەنىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغان مودېرن ئىنساننىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يالغۇزلۇق ۋە قىممەتسىزلىك كىرىزىسىغا قاراپ، غەلىتە زامانلار مۇشۇنداق بىر نەرسە بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۈرىدىغان مودېرن ئىنسان...

ھەقىقەتەنمۇ مودېرن زامانلارنىڭ يالغۇزلۇق ئىچىدىكى ئىنسانى، باشقا جانلىقلار تۈرلىرىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا تۇرماقتا. مودېرن ئىنسان تەبىئەتكە، ئەنئەنىگە، دىنغا، قىممەت – قاراشلارغا، ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، پەقەت ئەقىلنىڭلا نوپۇزىغا بويۇن ئېگىپ، گويا تەڭرىلىكىنى ئېلان قىلغاندەك ھالەتتە ياشىماقتا. سۈنئىي ئەقىل دېگەندەك ساھەلەرگە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆلۈمسىزلىك يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ يارىتىلىشى ئىلاھىيلىك ئەمەس، پانى، يەنى ئۆلۈملۈكتۇر.

تارىخنىڭ باشقا بىر دەۋرىدە مودېرن ئىنسانغا ئوخشاش چەك – چېگراسىز ئارزۇلىرى تۈپەيلى بارلىق ئىچىدە يوقلۇقنىڭ، ئاۋام ئارىسىدا يالغۇزلۇقنىڭ، ھەرتۈرلۈك ئىمكانىيەتلەر ئىچىدە بىچارىلىكنىڭ كۈلپىتى چېكىلگەن بىر دەۋرنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن.

مودېرن ئىنسان... ئىستېمال جەمئىيىتىنىڭ قۇلى... تەبىئەتنى، ئەشيالارنى، پىرىنسىپلارنى، قىممەت – قاراشلارنى بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىستېمال قىلغان مەۋجۇتلۇقتۇر...

مودېرن ئىنساننى ھەممىلا نەرسىنى ئىستېمال قىلغۇچى شەخسىيەتچىلىكىدىن قۇتقۇزىدىغان، بىر لەھزە توختاپ، ئۇستاز نەجىپ فازىلنىڭ تەبىرى بويىچە «توختاڭلار ئادەملەر توپى، بۇ كوچا چىقماس كوچا؛ (دەپ) ۋارقىرىسام قوللىرىمنى قايچا كەبى ئېچىپ» دېگۈزىدىغان ۋە سىلكىشلىگەن ھالدا ئۆزىگە قايتۇرىدىغان بىر زامان سىزىقى بولالماسمىدى؟ ئۆزىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتى بېرىدىغان ئەنئەنىنى، زامان تىلىمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. ئەجەبا دىنلار، ئىدېئولوگىيەلەر، تەپەككۇر شەكىللىرى ئىچىدە بۇنداق بىر ئەنئەنە بارمۇ؟ دەپ سورىلىدىغان بولسا، رامىزان ئېيى ھەرھالدا دەل مۇشۇنداق بىر ئىزدىنىشنىڭ جاۋابىدۇر.

روزىنىڭ مەنىسى

مودېرن ئىنساننى بۇ كىرىزىستىن، شەخسىيەتچىلىكتىن ۋە يالغۇزلۇقتىن قۇتقۇزىدىغان نەرسە، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىماسلىقىدۇر، ھەممىلا نەرسىنى ئۆز ھۇزۇرىنىڭ مەززىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقىدۇر. رامىزان، بارلىق قىلغان ۋە قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن ئىنسانغا ئۆزىنى تەكشۈرتكۈزىدىغان بىر ئايدۇر.

دەۋرىمىز ئىنسانلىقىنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئەڭ نېگىزلىك ئۈچ مەسىلىسى ھەرھالدا ئادالەتسىزلىك، ئورتاقلاشماسلىق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى قوبۇل قىلىپ بىرلىكتە ياشىيالماسلىق بولسا كېرەك. رامىزان ئېيى بۇ نۇقسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالايدىغان بىر ئايدۇر.

روزا تۇتۇش  تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇئەييەن ۋاقىت ئارىسىدا بىر نەرسە يېمەسلىك، ئىچمەسلىكنى، كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەدەننى بارلىق نېمەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ، ھەرتۈرلۈك نېمەتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

روزا ئىنساننى ئىستېمال قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدۇر.

رامىزاندا روزا تۇتىدىغىنى پەقەت قورساقلا بولماستىن، تىلدۇر، زېھىندۇر، ئىش – ھەرىكەت، پوزىتسىيەلىرىمىزدۇر.  رامىزان، پۈتۈن بەدىنىمىزنى پۈتكۈل كۈچىمىز بىلەن بارلىق يامانلىقلاردىن پاكلاش ئېيىدۇر.

روزا، ئالدى بىلەن قەلبنى پاكلاشتۇر. ئىزچىل ھالدا باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكىدىنمۇ كۆپ نەرسىگە ئىگە بولۇش ئىستىكى ئىنساننىڭ كۆڭۈل دېتوكسىدۇر. ھەممە نەرسىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ تويماسلىقنىڭ، قانائەت ھاسىل قىلماسلىقنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچىسى (دېتوكس) دۇر.

ئورتاقلىشىش ۋە خاتىرجەملىك ئېيى

رامىزان تىللار، ئىرقلار، رەڭلەر، ئىدېئولوگىيەلەر، دىنلار ھالقىغان بىر خىل ئورتاقلىشىش، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئېيىدۇر. ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقىنىڭ بەلكى ئەڭ ئېستېتىك ھالەتتىكى ئەكس ئېتىشىدۇر. مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئىپتار داستىخانلىرىدا، تىكىلگەن ئىپتار چېدىرلىرىدا ئىنساندىن قەيەرگە، نېمە تەۋەلىكى سورالمايدۇ. يۇنۇس ئەمرەنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتىشقا توغرا كەلسە، «ياراتقۇچىسى تۈپەيلى يارالغۇچىغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ».

ئىپتارلارنىڭ ئالەمشۇمۇل رىسالىسى ۋە بىرلەشتۈرگۈچى روھى غەيرىي مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردىمۇ ئۆزىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇ يەرلەردە مۇسۇلمان توپلۇقلار قوشنىلىرى بىلەن، غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن ئىپتارلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ئالەمشۇمۇل رىسالىگە بەزى دۆلەتلەرمۇ ماسلاشماقتا. ھەريىلى ئاقسارايدا ۋە بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

رامىزان يەنە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىدىغان، پۈتكۈل دۇنيانىڭ يېتىملىرى، ئىگە – چاقىسىزلىرى، موھتاجلىرىنى ئەڭ كۆپ سۆيۈندۈرىدىغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر. فىترە، سەدىقە، زاكات ۋە ئىئانىلەر ئارقىلىق موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى، پەقەت بىر ياخشىلىق، پىداكارلىق بىلەن قىلىنغان بىر خىزمەت بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ ئورتاقلىشىشلار، ئىنسانلارنىڭ يوقلۇقلار، يوقسۇللۇقلار تۈپەيلى بولاڭ – تالاڭ، ئوغرىلىق، تېررورلۇق دېگەندەك خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۇنيا تىنچىلىقىغىمۇ مۇھىم ھەسسە قوشىدۇ. بېرەلەيدىغان، نەپىقە قىلالايدىغان بولۇش، تىنچلىق ئىچىدە خاتىرجەم ياشاشنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ باي بولمىسىمۇ، تۈركىيە كىرىم ئەھۋالىغا نىسبەتەن دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىدىغان دۆلىتىلىك ئورنى بىلەن، پەقەت ئىگە – چاقىسىزلارغىلا ئەمەس، خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىققىمۇ ھەسسە قوشماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، ئەڭ ئاز جىنايەت سادىر قىلىنىدىغان ئاينىڭ رامىزان ئېيى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئەسلەش، ئارىلىشىش ۋە يارىشىش ئېيى

رامىزان تۈركىيەدە ناھايىتى دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىپتارلار، سوھۇرلۇقلار، تەراۋىھلەر، قەدىر كېچىسى ۋە بۇ كېچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر، چاقىرىۋېلىشلار، سوھۇرلۇققا ئويغىتىش ئۈچۈن ناغرا چالغۇچىلار... بۇ پائالىيەتلەر پۈتكۈل جەمئىيەت قىزغىن قارشى ئالىدىغان پائالىيەتلەردۇر. رامىزان پائالىيەتلىرى ھەرگىزمۇ «ئۇلار» ئۇقۇمى پەيدا قىلمايدۇ. بەلكى، مىللىتىمىزنىڭ «ئۇلار» ئۇقۇمىنى پەيدا قىلماستىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى نادىر مىللەتلەردىن بىرى بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك.

رامىزان خاتىرىلەش، ئەسلەش، چىقىشىش، يارىشىش ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق بىر ئايكى، پەقەت ھاياتلار، ياشاۋاتقانلارلا ئەمەس، ئوخشاشلا ھارپا كۈنلىرى قەبرىلەرمۇ زىيارەت قىلىنىدىغان بىر ئايدۇر. قەبرە زىيارەتلىرى ئۆلگەنلەرگە قارىغاندا ھايات ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بېغىشلايدۇ. شائىر سەزائى قاراكوچنىڭ تەبىرى بويىچە، بىزگە «مازارلاردىن يۈكسەلگەن بىر باھار» نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ زىيارەتلەر، دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچىلىكىنى خاتىرىلىتىپ،  كائىناتتىكى ئونتولوگىيەلىك پوزىتسىيەمىزنىمۇ دەل جايىغا ئولتۇرغۇزىدۇ. بىز ھەل قىلالمىغان غايەت زور ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى، كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ قاراۋاتقان ئامىللارنى، بىز ئارقىسىدىن چېپىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىنتايىن ئاددىي نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ... قەبرە زىيارەتلىرى دۇنيا قارىشىمىزنى، پوزىتسىيەمىزنى ھەر قېتىمدا بىر قېتىم تۈزىتىدۇ.

رامىزان ئېيى يەنە قېيدىغانلار يارىشىدىغان، كۆڭۈل ئاغرىقلىرى ئارقىدا قالدۇرۇلىدىغان يارىشىش ئېيىدۇر. قوشنىلار، ئۇرۇق – تۇغقانلار، دوست – بۇرادەرلەر زىيارەت قىلىنىدىغان بىر ئايدۇر. ھېيتنى تەبرىكلەشلەر، ھېيتلىشىشلار مودېرن ئىنساننىڭ يالغۇزلۇقىنى، دوستلۇققا، سۆھبەتكە بولغان ھەسرىتىنى تەسكىن تاپقۇزىدۇ. بىر ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە ئىنسانلارنىڭ %84 ى ھېيتلاردا سىلە – رەھىم قىلىدىكەن، يېقىنلىرىنى يوقلايدىكەن. بۇ نېمىدېگەن گۈزەل ئىش!

سۆزلىرىمنى بىر تەكلىپ بىلەن ئاخىرلاشتۇراي: رامىزان ئېيى، مودېرن ئىنساننى زەنجىرلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان، ئۇنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان، ئەتراپىغا، جەمئىيەتكە، باشقا جانلىقلارغا، تەبىئەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدىغان بەرىكىتى؛ خاتىرجەملىك ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا قوشىدىغان تۆھپىسى بىلەن ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشىلاتىنىڭ كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك بولغان بىر ئايدۇر. ياكى دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشقۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار، كىشى ياكى ئورگانلاردىن باشقا بىر نەرسىگە بېرىلىدىغان بولسا، بۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات رامىزان ئېيىدۇر.

رامىزىنىمىز، ھېيتىمىز مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر