رىزە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/23

1208130
رىزە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

رىزە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

رىزە بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە رىزەنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

رىزە؛ تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بىر شەھەر بولۇپ، ياپ يېشىل مەنزىرىسى ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. رىزە تۈركىيەنىڭ تەڭداشسسىز گۈزەل يايلاقلىرى، ھەر خىل دەرەخت ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن تونۇلغان ئورمانلىرى، دەريا، ئۆستەڭ، ۋادى، تاغلىرى ۋە مۇز كۆللىرى بىلەن مەشھۇر. بۇ شەھەر پەقەت تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۈلتۈر ۋە تارىخ جەھەتتىكى بايلىقلىرى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

رىزە؛ ئانادولۇنىڭ شەرقىي شىمالىدا، كاچكار تاغلىرى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تىك تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، رايون تەبىئىي يېىشللىقلار بىلەن تولغان، قىرغاقلىرىدا نەملىك ۋە يۆل يىغىن نىسبىتى تۆۋەن، ئورمانلىرى تولىمۇ قويۇق. تۈركىيە ئورمانلىرىنىڭ %25 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئورمان نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ باي رايونى ھېسابلىنىدۇ.

ئايدەر، ئەنزەر، ئوۋىت، پوكۇت، سال، گىتو، ئەلەۋىت ۋە چېچەكلىك قاتارلىقلار رىزەنىڭ ئەڭ مەشھۇر يايلاقلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە پادىچىلىق ۋە تىرىقچىلىق پائالىيەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. يايلاقلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، كاچكار تاغلىرىغا چېچىۋىتىلگەن بۇ يايالاقلار تەبىئىي ۋە ياغاچ ئۆيلىرى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئونلىغان ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخت تۈرلىرى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ. يايلاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ساياھەتچىلەرگە ياغاچ ئۆيلەر ئىجارە بېرىلمەكتە. بۇ رايون يۈرۈش قىلىش، تاغقا يامىشىش ۋە باشقا تەنتەربىيەگە قىزىقىدىغانلارغا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. مۇناسىپ پەسىلدە بولۇپمۇ باھار پەسلىدە ياكى ياز پەسلىنىڭ باشلىرىدا رىزەگە بارسىڭىز، ئونلىغان تۈرلۈك گۈل چېچەكلەرنىڭ قىرلارغا تاراتقان خۇشپۇراقلىرىدىن بولۇشىغا ھوزۇرلىنالايسىز.

رىزە يايلاقلىرىنىڭ تەبىئىي ياغاچ ئۆيلىرىنى ۋە كىچىك چوڭ مۇز كۆللىرىنى چوقۇم كۆرۈش كېرەك. ھەر بىرى ساياھەتچىلىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئەۋزەللىكلەرنى سۇنىدۇ. مەسىلەن؛ ئايدەر يايلىقىدىكى ئارشاڭلار شىپا بېرىدۇ. ئايدەر يايلىقى باشقا يايلاقلاردىن پەرقلىق ھالدا ياغاچ ئۆيلىرىدىن باشقا يەنە، مېھمانخانىدا قونۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئىمكانىيەت سۇنۇپ بېرىدۇ.

دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ئەنزەر يايلىقىنىڭ «شىپا ئامبىرى» دەپمۇ بىلىنىدىغان ئەنزەر ھەسىلى پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر. ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە نۇغۇنلىغان پايدىسى بارلىقى بىلەن بىلىنىدىغان ئەنزەر ھەسىلى، يايلاقلاردىكى مىڭلىغان تۈرلۈك گۈل چېچەكلەرنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسلىدە ياپ يېشىللىققا پۈركۈنگەن بۇ يايلاق قىش پەسلىدە سېرىق ۋە قىزىل رەڭگە پۈركۈنۈپ، ياپراق تۆكىدىغان دەرەختلىرى بىلەن، بولۇپمۇ تەبىئەت يۈرىشىگە چىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى رەسىم تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ جەلب قىلارلىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بەزى يايلاقلاردا قىيالىقتىن پاراشوت بىلەن سەكرەش ئىمكانىيەتلىرى بولغاندەك، بەزىلىرىدە قىش پەسلىگە ئويغۇن ساياھەت ئىمكانىيەتلىرىمۇ بار.

كاچكار تاغلىرىنىڭ قارا دېڭىزغا قارايدىغان تىك قىيالىرىدىكى كىچىك ئاستەڭلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن ۋە رىزە ئاردەشەن ئەتراپىدىن قارادېڭىزغا قويۇلىدىغان فىرتىنا دەرياسىمۇ تەبىيئەت گۈزەللىكىنىڭ مۇجەسسىمىسى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا نەسلى يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئۈستى قىزىل ئالابىلىقلارنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 57 كېلومېتىر كېلىدىغان فىرتنا دەرياسىدا يەنە، قولۋاق تەنتەربىيەسى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ مۇئەسسىسەلەر بار.

رىزەدە تارىخى 13ۋە 14ئەسىرگە تۇتۇشىدىغان كۆپ ساندا قەلئەلەر بار. قوغدىنىش، خەۋەرلىشىش، كۆزىتىش ۋە يېتەرلىك ئەسكەر كۈچىنى ساقلاش قاتارلىق ھەر خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن ياسالغان بۇ قەلئەلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى زىل قەلئەسىدۇر. كۆرۈنىشى بىلەن سىزنى گويا ئوتتۇرا ئەسىردە سەيلە قىلدۇرىدىغان بۇ قەلئەلەر، شەھەردىكى ۋاروش قەلئەسى، جىھا قەلئەسى ۋە قىز قەلئەسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئەينى چاغدا ھەم يېزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ھەم ئانادولۇغا تۇتۇشىدىغان كارۋان يوللىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايتتى.

رىزەگە بارسىڭىز مول ئوكسىگېنلىق يايلاقلىرىغا چىقماي، يادىكارلىقلارغا باي مۇزىيىنى كۆرمەي، قانچىلىغان ئەسىرلەردىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن كۆۋرۈكلەرنى رەسىمگە تارتماي، ئۈستىگە بېلىق بېسىلغان پولوسىنى تېتىپ باقماي تۇرۇپ ھەرگىز قايتماڭ. رىزەنىڭ ئاتاقلىق چايلىرىنى ئېچىپ بېقىشنى، يەرلىك تۇقۇلما مەھسۇلاتلىرى بولغان داسقانلىرىدىن سېتىۋىلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئەگەر تەبىئەتنىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىغا سۇنغان گۈزەللىكلىرىدىن قانغىچە ھوزۇرلىناي دېڭىسىز، رىزە ۋە رىزەنىڭ خۇشپىئېل خەلقى سىزنى قارشى ئالىدۇ. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا رىزەنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر