زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى

«زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1209756
زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى

زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئالدىنقى پىروگراممىلىمىزدا، «زەيتۇن يېغىلىق تائاملار» نىڭ ئاساسىي جەھەتتىن سوغۇق ھالەتتە يېيىلىدىغان، گۆشسىز پىشۇرۇلىدىغان تائاملار ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدۇق. بۇ تائاملار ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلەر سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە «زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

« زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 16 دانە كىچىك دولمىلىق مۇچ
  • يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • 4 دانە ئىنچىكە توغرالغان پىياز
  • ئىككى ئىستاكان گۈرۈچ
  • ئىككى قوشۇق قارىغاي ئۇرۇقى
  • 12 قوشۇق قارا قارىقات
  • تۇز
  • يېرىم تاتلىق قوشۇقى قۇرۇق پىننە
  • بىر تاتلىق قوشۇقى پىمېنتا
  • بىر قوشۇق شېكەر
  • ئىككى ئىستاكان سۇ
  • 3 – 4 دانە پەمىدۇر

«زەيتۇن يېغىلىق مۇچ دولمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، بىر ئىستاكان زەيتۇن يېغىنى بىر قازانغا سېلىڭ، ئاندىن پىيازلار بىلەن قارىغاي ئۇرۇقىنى قورۇڭ.
  • گۈرۈچلەرنى تاكى كىراخمال يوقالغانغا قەدەر يۇيۇڭ.
  • پىيازلار قورۇلغاندىن كېيىن، گۈرۈچنى ئىلاۋە قىلىڭ ۋە قورۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
  • ئاندىن تۇز، قارىمۇچ، قارا قارىقات، پىننە ۋە شېكەر قاتارلىقلارنى قېتىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • پىشقان گۈرۈچ ئىسسىغانغا قەدەر كۈتۈڭ. ئارقىدىن پىمېنتانى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • تەمىنى تېتىڭ؛ تۇز ۋە شېكىرى ئاز بولسا، ئىلاۋە قىلىڭ.
  • دولمىلىق مۇچلارنىڭ ساپلىق قىسىملىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىڭ ۋە ئۇرۇقلىرىنى چىقىرىڭ.
  • ئالدىن تەييارلىۋالغان گۈرۈچنى مۇچلارنىڭ ئىچىگە تولدۇرۇڭ.
  • پەمىدۇرلارنى قېلىن شەكىلدە توغراڭ ۋە مۇچلارنىڭ ئېغىز قىسىملىرىغا گۈرۈچلەرنى تاشمايدىغان شەكىلدە يەرلەشتۈرۈڭ.
  • ئاندىن بۇ دولمىلارنى قازانغا سېلىڭ، ئۈستىگە يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى سېپىڭ.
  • دولمىلارنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچىلىك سۇ ئىلاۋە قىلىپ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا 30 مىنۇت پىشۇرۇڭ.
  • دولمىلار سوغۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر