فىرانسىيە: جاكوبېنچە لائىكلىق

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «فىرانسىيە: جاكوبېنچە لائىكلىق» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

فىرانسىيە: جاكوبېنچە لائىكلىق

فىرانسىيە: جاكوبېنچە لائىكلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ياكى سىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدە ئائىلىلەرنىڭ يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان كىيىملىرىنى كىيىپ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ساياھىتىنىڭ چەكلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

بۇنىڭغا ئىشىنەلمەيسىز، شۇنداقمۇ؟ بۇ دەۋردە قانداقسىگە بۇنداق بىر ئىش بولسۇن؟ بۇ نېمىدېگەن ئىپتىدائىيلىق، نېمىدېگەن قالاقلىق، نېمىدېگەن جاھىللىق، نادانلىق دەپ تاشلايسىز.

ئەمما، قايغۇرماڭ. بۇنداق بىر ئىش تۈركىيەدە ياكى سىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئەمەس، فىرانسىيەدە بولۇۋاتىدۇ. فىرانسىيە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەل مۇشۇنداق بىر قارارنى چىقىرىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

فىرانسىيە پالاتاسى، ھۆكۈمەت تەييارلىغان مەكتەپ قانۇنى دائىرىسىدە مەكتەپ زىيارەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئائىلە يېقىنلىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى مەنئى قىلغان ماددىنى ماقۇللىدى. قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى شەرت.

فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرى بلانكۇئېر مەكتەپ زىيارەتلىرىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ دىنغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ئامىللارنى ئەكس ئەتتۈرمەسلىكى ئۈچۈن، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ياغلىق ئارتقان ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلار يېقىنلىرىنىڭ، باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپ زىيارەتلىرىدە ھەمراھ بولۇشىنى لائىكلىق (سېكۇلارىستلىق) پىرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا چەكلىگەن لايىھە، مەكتەپ زىيارەتلىرىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت خىزمەتچىسى سۈپىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئامىلنى ئەكس ئەتتۈرمەسلىكى پىكرىنى چىقىش قىلىدۇ.

فىرانسىيەدە، غەربتىكى ناھايىتى كۆپ دۆلەتتە، خۇسۇسەن ئاۋسترىيەدە بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلىگۈچى ئىپتىدائىي سىياسەتلەر ۋە قاراشلار نورماللاشتى. پەقەت بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزىلا، مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خېلى كۆپ يازمامدا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن غەربنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئۆز – ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش ۋە ئەركىنلىكلەر كىرىزىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بىزمۇ مىساللارنى كۆپەيتىپ ئولتۇرماستىن، فىرانسىيەدىكى بۇ سىياسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا، قانچىلىك ئېغىر قايمۇقۇش ۋە ئەركىنلىكلەر كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى، قانچىلىك سۈرئەتتە ھاكىممۇتلەقلىقكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقايلى.

قانۇن، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا نىسبەتەن بۇنداق بىر نەرسىنى مەزمۇن قىلمىغانلىقى ئۈچۈن باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئەيىبلەشكە بولىدۇ. بىراق، پەرقلىق ھايات كەچۈرۈش شەكىللىرىنى يەكلىگۈچى، بېسىم ئىشلەتكۈچى، ئىپتىدائىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە، كىشىلىك ھوقۇققا زىت بىر سىياسەتنىڭ باراۋەرلىكنى كۆزلەپ ھەممەيلەنگە يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىشمۇ غەلىتە ئەھۋال. شۇنداق، باراۋەرلىككە زىت. بىراق، قارشى تۇرۇش كېرەك بولغان نەرسە، بېسىم ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇشتا باراۋەرلىكنىڭ بولماسلىقىدۇر.

مۇددىئاسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ بېسىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان لائىكلىق

غەربكە نىسبەتەن لائىكلىق، دىنىي ئۇرۇشلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىجابىي ۋە ئىلغار بىر قەدەم. پەرقلىق تۇرمۇش شەكىللىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مېخانىزم. بىزنىڭ تارىخىمىز نۇقتىسىدىن بولسا، دىنلار بارلىق ئوخشىماسلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە يانمۇيان ياشايدۇ. غەربتىكى لائىكلىقتىن كۈتۈلۈۋاتقان ئۈنۈمنى ئىسلامنىڭ كەڭ قورساق ۋە كۆپ سانلىقچى قارىشى تولۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى.

 ئىسرائىلىيەلىك تارىخ پىروفېسسورى، ھازىرقى دەۋرنىڭ بازارلىق يازغۇچى يۇۋال نوھ ھارىرىنىڭ قاراشلىرى بۇ ئەھۋالنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا كەڭ قورساقلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى... 1600 – يىلى پارىژدا ھەممە ئادەم كاتولىك ئىدى. بىر پىروتېستانت شەھەرگە كىرسە، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. لوندوندا ھەممە ئادەم پىروتېستانت ئىدى. بىر كاتولىك شەھەرگە كىرىپ قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. ئۇ يىللاردا ياۋروپادا يەھۇدىيلار سۈرگۈن قىلىناتتى... ھېچكىم مۇسۇلمانلارنى خالىمايتتى... ھالبۇكى ئۇ دەۋردە ئىستانبۇلدا پەرقلىق مەزھەپلەرگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار، كاتولىكلار، ئەرمەنلەر، ئورتودوكسلار، رىملار، بۇلغارلار يانمۇيان خۇشال – خۇرام ياشايتتى.»

غەربتە لائىكلىق بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئەقىدىلەرنى، تۇرمۇش شەكىللىرىنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، بىر مېخانىزمى دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، خۇسۇسەن فىرانسىيە تەتبىقلاۋاتقان لائىكلىقنىڭ، كۆپىنچە ھاللاردا دىن نامىدىن قىلىنغان بېسىملارنىمۇ ئەسلىتىدىغان شەكىلدىكى بىر بېسىم ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. يۇقىرىدىكى مىسالدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك، دىنلار پەقەت سىياسىي  ساھەدىنلا ئەمەس، بارلىق ھاياتلىق ساھەلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا دۇچ كەلمەكتە. بىر دىننىڭ بېسىمىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش مۇساپىسىدە لائىكلىق ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە بارلىق دىنلارغا بېسىم ئىشلەتكۈچى گويا يېڭى بىر دىنغا ئايلىنىپ قالدى. يەنى، رامكىسىنى دىنىي زاتلار ئەمەس، پارلامېنت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى سىزىپ بەرگەن بىر دىنغا ئايلىنىپ قالدى. لائىكلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ساھەلىرىنى بۇنداق تارايتىۋەتكۈچى، بېسىم ئىشلەتكۈچى، مۇشتۇمزور ۋە جاكوبېنچە سىياسىتىنى كۆرگەندە، ئىنسان، بۇ دۆلەتلەر ھەرقانداق بىر دىن تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان بولسا، ئوخشىماسلىقلارغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتەرمىدى؟ دەپ ئويلىماي تۇرالمايدۇ. لائىكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرقلىق ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش شەكىللىرى ئىجتىمائىي ھاياتلىق سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يەكلىنىدىغان بولسا، مائارىپ، كۈلتۈر، سىياسىي ساھە باشتىن ئاخىر لائىكلىققا ئاساسەن تەرتىپكە سېلىنىپ، خەلقنىڭ تەلتۆكۈس لائىك ئىنسانلاردىن تەشكىل تېپىشى كۆزلىنىدىغان بولسا، بۇنداق بىر لائىكلىق قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ناتسىست ياكى كوممۇنىست ئىنسانلار توپىنى يارىتىشقا تىرىشقان ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەردىن نېمە پەرقى بار؟

بالىلار توغرىسىدا سۆز قىلىش ھوقۇقى كىمنىڭ؟

جاكوبېنچە لائىكلىق چۈشەنچىسى ئەڭ كۆپ راۋاج تاپقان ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ساھەلەرنىڭ بىرى، بالىلارنىڭ پەرقلىق ئېتىقادلاردىن «مۇھاپىزەت» قىلىنىشىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەكتەپ ساياھىتى مىسالىدىكىگە ئوخشاش، بالىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن ئائىلىنىڭ، دىنىي كىملىكى يۈزىسىدىن، پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ساياھىتى قىلىشى چەكلەنمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى بەلگىلەش مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى كىمنىڭ؟ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دۆلەتمۇ؟ ئائىلىمۇ؟ ئەگەر بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئائىلە بولسا، كوممۇنىزمنى، فاشىزمنى، ناتسىزمنى نېمىگە تايىنىپ ئەيىبلەيمىز؟ ياكى دۆلەت ئۇ بالىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن ئائىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، نېمىشقا بۇنداق بىر ھوقۇققا ئىگە بولسۇن؟ ئائىلە پەرزەنتىگە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت، تېررورلۇققا ئىتتەرگۈچى كىملىك بېرىشكە ئۇرۇنسا، دۆلەت ئەلۋەتتە مۇداخىلە قىلىشى كېرەك. بىراق، نورمال ئەھۋالدا پەرزەنتنىڭ قانداق كىملىككە ئىگە بولىدىغانلىقى مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك بولغىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىدۇر.

ئانگلو – ساكسون – قىتئە ياۋروپاسى لائىكلىقى

سېكۇلارلىق دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئانگلو – ساكسون لائىكلىقى، دىننىڭ دۆلەت ساھەسىگە مۇداخىلە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ دۆلەتلەردە دىن – دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى گىرەلىشىپ كەتكەندۇر. مەسىلەن، ئەنگلىيەدە مەلىكە رەسمىي شەكىلدە ئانگلىكان چېركاۋىنىڭ باشلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپادا بولسا، «كونا تۈزۈم» نىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، لائىكلىق ئارقىلىق كۆزلەنگەن، ئاقارتىش ئارقىلىق نىشان قىلىنغان نۇقتا، دىننىڭ، ئەنئەنىنىڭ، ئارا مۇئەسسەسەلەرنىڭ پەقەت سىياسىي ساھەدىن ئەمەس، ئىجتىمائىي ساھەدىنمۇ يەكلىنىشى، ھېچقانداق يەردە ئالدىغا چىقمايدىغان شەكىلدە كۆرۈنمەس بىر يەرگە قاماپ قويۇلىشىدۇر. بۇ پوزىتسىيە، فىرانسىيە ئىنقىلابىغا ئوخشاش ناھايىتى قانلىق ئىنقىلابلارنىڭ، گىتلېر ۋە مۇسسولىنىغا ئوخشاش تولىمۇ شەپقەتسىز لىدىرلارنىڭ ئانگلو – ساكسون دۆلەتلىرىدىن ئەمەس، قىتئە ياۋروپاسىدىن چىقىشىنىڭ، ھازىرمۇ بۇ رايونلارنىڭ ئىرقچى پارتىيەلەر ئەڭ كۆپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن رايون بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، دىن، ئەنئەنە ۋە شەخس بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى ئارا مۇئەسسەسەلەر پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ، ھەممە نەرسە قۇرغۇچى ئەقىلنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇ ئەقىل ۋە ئۇ ئەقىل يۈكسەلگەن دۆلەتنى ۋە لىدىرنى چەكلەپ تۇرىدىغان ھېچانداق ئامىل قالمايدۇ، دېمەكتۇر.

سۆزىمىزنى فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى سىمونې دې باۋۇئىرنىڭ «ئىنسان ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدېئولوگىيەلەرگە شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىنساننى ئەستىن چىقىرىپ قويدۇق» دېگەن سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر