ئىزنىك چىنە خىشلىرى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلار...

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىزنىك چىنە خىشلىرى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1209632
ئىزنىك چىنە خىشلىرى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلار...

ئىزنىك چىنە خىشلىرى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلار...

نۆۋەتتە ناھايىتى كۆپ قۇرۇلۇشنى زىننەتلەپ تۇرۇۋاتقان ۋە ياۋروپانىڭ ناھايىتى مۇھىم مۇزېيلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئىزنىك چىنە خىشلىرىنىڭ دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل چىنە خىش تۈرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بۇرسانىڭ ئىزنىك ناھىيەسى ئوسمانلى دەۋرىدە ناھايىتى چوڭ چىنە خىش مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئوسمانلى دەۋرىدە تۈرك قول سەنئەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە تۈركىيە سىرتىدىمۇ تونۇلغان چىنە خىشچىلىقنىڭ تارىخى 15 – ئەسىرگىچە سوزۇلىدۇ.

ئىزنىك چىنە خىشلىرىنى باشقا چىنە خىشلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك؛ لېيىنىڭ ئىچىدىكى فىرىت دەپ ئاتىلىدىغان شۇ دەۋردىكى بىر خىل ئەينەك تۈرىدۇر. فىرىت، %85 ى كۋارتىس بىلەن ئىزنىكتىن چىقىدىغان ناھايىتى ئالاھىدە بىر خىل سېغىز ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلىدۇ. ئىزنىك چىنە خىشلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، نەقىشلىرىدۇر. چىنە خىشلاردىكى نەقىشلەردە كۆرۈنۈش بىر خىل يۆنىلىشتە ئەمەس، تىك ۋە يانتۇ ھالەتتە سىزىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىشلىتىلگەن رەڭلەر قاپارتما ھالەتتە سىرنىڭ ئاستىغا قويۇلىدۇ.

ئىزنىك چىنە خىشلىرىنى بۈگۈن، ئوسمانلى دەۋرىدە سېلىنغان سارايلار، جامەلەر ۋە قەبرىلەردىن باشقا موزېي ۋە ئالاھىدە ئاسارە – ئەتىقە ساقلىغۇچىلاردا كۆرگىلى بولىدۇ. 2018 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كرىستىئېس باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىدە 15 – ئەسىرگە ئائىت بىر ئىزنىك تەخسىسى 5 مىليون 400 مىڭ فوندسىتىرلىڭ (39 مىليون 300 مىڭ تۈرك لىراسى) غا سېتىلدى.

 

مەنبە: گېزىت - ژۇرناللار

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر