ئىستانبۇل بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/18

1196987
ئىستانبۇل بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ئىستانبۇل بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ئىستانبۇل بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە ئىستانبۇلنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

ئىستانبۇل ئىككى قىتئەنى، يەنى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر شەھەر. جوغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن تارىخ بويىچە داۋاملىق ئەڭ مۇھىم ئولتۇراق رايون بولۇپ كەلگەن ئىدى.

مىلادىدى ئىلگىرىكى 7ئەسىردە قۇرۇلغان ئىستانبۇل شەھىرى، نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، كۈلتۈرلەر، دىنلار ۋە مەدەنىي ئويغۇنۇشلارنىڭ بىرلەشمە نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.

تارىخ بويىچە 3 چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ يەنى، رىم ئىمپرىيەسى، شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان ئىستانبۇل، بۇ ھەشەمەتلىك ئۆتمۈشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس يادىكارلىقلىرىنى ئوخشاش بىرلا يەردە جەم قىلغان بولۇپ، 1985يىلىدا ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. 

ئىستانبۇلنىڭ شىمالىدا پارىس قولتۇقى، شەرقىدە ئىستانبۇل بوغۇزى ۋە جەنۇبىدا مارمارا دېڭىزى ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. دېڭىز بىلەن ئورالغان ئۈچ تەرىپى بۈگۈنكى كۈندە «تارىخىي يېرىم ئارال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

بۇ يېرىم ئارالدىكى 4 رايون ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي ساھەلىرى سۈپىتىدە دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ 4 رايون؛ سۇلتان ئەھمەد شەھەر سېپىلى رايونى، سۇلايمانىيە ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايون، زەيرەك ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايون ۋە ئىستانبۇل قۇرۇغلۇق سېپىلى ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايون دەپ ئاتىلىدۇ.

سۇلتان ئەھمەد شەھەر سېپىلى رايونى؛ توپكاپى سارىيى، ئاياسوفيا جامەسى، ھىپودرۇم (مۇسابىقە مەيدانى)، ئايا ئىرىنى ۋە كىچىك ئاياسوفيا جامەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توپكاپى سارىيى؛ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي بويىچە پادىشاھلار تۇرغان ۋە ئىمپېرىيە ئىدارە قىلىنغان ئەڭ مۇھىم سارايلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن قۇرۇلۇشى باشلانغان بۇ ساراي، 15ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا تاماملانغان بولۇپ، رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان دەسلەپكى چاغدا ئىچىدە 4000 ئەتراپىدا كىشى ياشايتتى.

تەخمىنەن 80 مىڭ كۇۋادىرات مېتېر يەر كۆلىمىگە ئىگە بۇ ساراي، يېڭى سارايلارنىڭ ياشىلىشى بىلەن ئىلگىرىكى ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ قويغان، بىراق مۇقەددەس ئامانەتلەر، دۆلەت خەزىنىسى ۋە پۇل زاۋۇتى مۇشۇ سارايدا ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.

توپكاپى سارىيى 1923يىلى ئوسمانلى خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مۇزىيى سۈپىتىدە ئىشلتىلمەكتە. ئۇزۇن يىللارغىچە ئىمپېرىيەنىڭ ھۆكۈمەت مەركىزى بولغانلىق نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بۇ سارايدا، ئوسمانلى بىناكارلىق سەنئەتىگە ئائىت مۇھىم يادىكارلىقلار، كىچىكلىتىلگەن ئۈلگىلىك بىناكارلىق ئەسەرلىرى، ئىسلامىي خۇشخەتلەر، كېيىم كېچەكلەر، قورال- ياراقلار، تام رەسىملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلگەن بويۇملار، ئوسمانلى خەزىنىسى ۋە زىبۇ زىننەت ئەشيالىرى كۆرگەرمەخانىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تارىخىي بايلىقلار ساقلانماقتا.

ئايا سوفيا؛ ئىستانبۇلدىكى ئەڭ مۇھىم يادىكارلىقلاردىن بىرسى. ۋېزانتىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە، مىلادىدىن كېيىنكى 500 يىللاردا ياسىلىشقا باشلانغان بىر چىركاۋ بولۇپ، گۈمبىزى بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى. بىناكارلىق تارىخىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ئاياسوفيا بۈگۈنكى كۈندە مۇزىي سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

مۇسابىقە مەيدانى دەپ ئاتالغان رايون مىلادىدىن كېيىنكى 200يىللاردا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركىزى سۈپىتىدە ياسالغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قالدۇقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

ئايا ئىرىنى ۋە كىچىك ئاياسوفيا بولسا، ۋېزانتىيە دەۋرىدە ياسالغان ۋە بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىكى ئۆزگۈچىلىكى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئوردوكىس چىركاۋلىرى ئىدى.

سۇلايمانىيە جامەسى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان تەرىپىدىن 16ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسىتلىغان مىمار سىناننىڭ بىباھا ئەسىرى بولۇپ، بۈگۈنكى ئىستانبۇلنىڭ ھەشەمەتلىك مەنزىرىسىنى زىننەتلىگەن ئەڭ كاتتا يادىكارلىقلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەم دىنىي ھەم ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغان چوڭ كۈللىيە شەكلىدە لايىھەلەنگەن سۇلايمانىيە جامەسىدە، جامەدىن باشقا يەنە، دوختۇرخانا، ھاممام، كارۋانساراي، 4 مەدرىسە، تىببىي مەكتەپ ۋە بىر غىرىبخانا مەۋجۇت. بۇ بىنالارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى كۈنىمىزدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن رايونلارنىڭ يەنە بىرسى زەيرەك ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايونى بولۇپ، زەيرەك جامەسى ۋە ياكى پانتوكرات موناستىرى، 3 ئورتودوكىس چىركاۋىدىن تەركىپ تاپقان مۇھىم بىناكارلىق ھېسابلىنىدۇ. 12ئەسىردە ياسالغان موناستىر ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن مەدرىسىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.

بۇ رايون ئوسمانلى ئۆيلىرىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇشى، تۇرمۇش شەكلى ۋە بىناكارلىق سەنئىتى نۇقتىسدىنمۇ زور ئەھمىيەتلىك ئورنەكلەرگە تولغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ئۆيلەردىن بىرسىمۇ مۇشۇ جايدا ساقلانماقتا. زەيرەك ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايونى ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ تۈرى يوقۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان يادىكارلىقلارنى ئاسراش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،  رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرى كەڭ دائىرىلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى.

ئىستانبۇل قۇرۇغلۇق سىپىلى ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان رايونى؛ شەھەر ئۈستىگە قۇرۇلغان يېرىم ئارال، قۇرۇغلۇق ۋە دېڭىز تەرەپتىن ئۇراپ تۇرغان سىپىللارغا يېقىن جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  سىپىل مىلادىدىن كېيىنكى 4ئەسىردە ياسىلىشقا باشلانغان ۋە تارىخ بويىچە نۇرغۇن قېتىم قوشۇمچە قىلنىىشلار ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

سىپىلنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرى، شەھەرگە كىرگەنلەرگە دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەرۋازىلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز پېتى ئىشلىتىلمەكتە.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سىپىللار ۋە دەرۋازىلار نۇرغۇن قېتىم رېمۇنت قىلىنغان ۋە بەزى جايلىرى قايتىدىن ياسالغان ئىدى.

گۈزەللىكى شىئېر داستان، رومان ۋە كىنو - فىلىملەرگە تېما بولغان، تەبىئەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن تەڭدىشى بولمىغان ئىستانبۇل شەھىرى، ئالدىنىقى يىلى تەخمىنەن 14 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا ئىستانبۇلنىتونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر