سىرىلانكا تاررانتىزمى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «سىرىلانكا تاررانتىزمى» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1189137
سىرىلانكا تاررانتىزمى

سىرىلانكا تاررانتىزمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېڭى ھەپتىنى يېڭى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن باشلىدۇق. بۇ قېتىم ھىندىستانغا قوشنا جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى سىرىلانكىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس تىرىلىش بايرىمى ئەسناسىدا  پايتەخت كولومبو ۋە باشقا ئۈچ شەھەردىكى ئۈچ چېركاۋ بىلەن تۆت مېھمانخانىدا سەككىز ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 300 گە يېقىن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

 

سىرىلانكا ۋە ئىچكى توقۇنۇشلار

 

ھۇجۇملار سىرىلانكا خەلقىنى ھەقلىق رەۋىشتە ئېغىر تۇراقسىزلىق ۋە قايغۇغا مۇپتىلا قىلدى. شۇ ۋەجىدىن كۈن سىرىلانكالىقلار بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنىدۇر.

ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەر ئىچىدە ھازىرغىچە 36 چەت ئەللىكنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.ھۇجۇمنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىك قۇربانلىرى ئارىسىدا ئامېرىكىلىقلار، ئەنگلىيەلىكلەر، ھىندىستانلىقلار ۋە دانىيەلىكلەرمۇ بار.

ھۇجۇملاردىن كېيىن ھۆكۈمەت كوچىغا چىقىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. پۈتكۈل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئالاقىسى توختىتىلدى.

سىرىلانكا 22 مىليون ئەتراپىدا نوپۇسقا ئىگە بىر ئارال دۆلەت. نوپۇسىنىڭ %70 ىنى بۇددىستلار، %12 ىنى ھىندۇلار، %9 ىنى مۇسۇلمانلار، %6 ىنى كاتولىك خىرىستىيانلار تەشكىل قىلىدۇ.

سىرىلانكا 1983 – 2009 – يىللىرى ئارىسىدا بۇددىست سىنھالار بىلەن ھىندۇ تامىللار ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن بىر دۆلەت. بۇ پۇقرالار ئۇرۇشى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ 2009 – يىلى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشى سايىسىدا ئاخىرلاشتى.

ھۇجۇملارنىڭ سەۋەبلىرى ۋە كىملەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى. ھازىرغىچە بۇ قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بىرەر تەشكىلاتمۇ يوق.

سىرىلانكادا پات – پاتلا بۇددىستلار تەرىپىدىن خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملار سادىر قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە بۇددىستلارنىڭ 26 قېتىم چېركاۋلارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 2013 – يىلىدىكى بۇددىست ھۇجۇملىرىدا بولسا، 40 مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

 

دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنكاسى

 

بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئىلگىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى جامە ھۇجۇملىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپمۇ ئاتىيالمىغان، ئاساسەن دېگۈدەك سۈكۈت قىلغان دۇنيا لىدىرلىرى بۇ ھۇجۇملارنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى. تېگىشلىك دەرىجىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بىز بۇ خىل نارازىلىقلارنىڭ بارلىق ھۇجۇملارغا بىلدۈرۈلۈشىنى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانمۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەردوغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغانلىقىغا ۋە تېررورغا قارشى دۇنيا مىقياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «سىرىلانكادا تىرىلىش بايرىمىغا توغرا كەلتۈرۈلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بۇ ھۇجۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىندى... ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم تېررورنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنسانىيەتنىڭ ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان تېررورغا قارشى سىرىلانكا بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 

سىرىلانكا تاررانتىزمى

 

يېڭى زېلاندىيەدە جامەلەردە ئىبادەت قىلىۋاتقان بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ قەتل قىلىنىشىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سىرىلانكادا چېركاۋلاردا ئىبادەت قىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنىشى دىققەتنى تارتىدۇ. يېڭى زېلاندىيە قەتلىئاملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى يازغان ماقالىمىزدە، قەتلىئاملارنى ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى نامىدىن سادىر قىلغانلىقىنى بىر خىتابنامە ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلغان تېررورچى برېنتون تاررانتنى چىقىش قىلىپ، بۇ خىل ئىرقچى ھۇجۇملارنى تاررانتىزم، دەپ ئاتىغانىدۇق. چۈنكى، دۆلەت ئىرقچىلىقىنى فاشىزم، مىللەت ئىرقچىلىقىنى ناتسىزم، دىن ئىرقچىلىقىنى زىيونىزم دەپ قارىغان ئىكەنمىز، ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقىنىمۇ ئۆزىگە خاس بىر ئېنىقلىما بىلەن ئاتاشقا توغرا كېلەتتى.

سىرىلانكادىكى پەسكەشلەرچە سادىر قىلىنغان ھۇجۇممۇ نېمە نامىدىن، كىمنىڭ تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولسا بولسۇن، يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى تاررانتنىڭ پىكىر دۇنياسىدىن بەك پەرقلىنىپ كېتىدىغاندەك قىلمايدۇ. ھۇجۇمغا ئەڭ ئېغىر شەكىلدە لەنەت ئېيتىلىشى، جاۋابكارلىرى قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جازالىنىشى لازىم.

 

ئادالەت چاقىرىقى

 

بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە ئىنسانلار ئىسلام، خىرىستىيانلىق، يەھۇدىيلىك، بۇددىزم، سېكۇلارىزم ياكى باشقا دىن ۋە ئىدېئولوگىيەلەر نامىدىن تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلماقتا. شۈبھىسىزكى، تېررورنىڭ ھېچبىر شەكىلدە سەۋەبى ۋە ئۆزرىسى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسى / تونۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە پاراللېل ھالدا تېررورلۇقنىڭ تېخىمۇ كۆپ سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، مۇتلەق ئادالەت كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان تەقدىردىمۇ بىر قىسىم ئىنسانلار يەنە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشى مۇمكىن. بىراق، تېررورنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغىنى، تېررورنىڭ پان زەھىرى (زەھەر قايتۇرغۇچىسى) ئادالەتتۇر. قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ رادىكاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇش بولۇشى لازىم. ئولىۋېر روينىڭ «ئىسلام رادىكاللاشماقتا، رادىكالىزم ئىسلاشماقتا» دېگەن سۆزى كۆپلىگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىزاھ بولالايدۇ. ئىنسانلار رادىكاللاشقانسېرى، ئېتىقاد قىلىدىغان دىنلار ۋە ئىدېئولوگىيەلەرنى ۋاسىتە قىلىپ تېررورنى يوللۇقلاشتۇرۇش يولىغا قەدەم باسماقتا. دۇنيا مىقياسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلىش چاقىرىقىمىز ۋە بۇ يولدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز ئارقىلىق رادىكاللىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلىشىمىز كېرەك.  ئىنسانلارنىڭ رادىكاللىشىش ئارقىلىق پىكىرلىرىدىن تېررور ئىشلەپچىقىرىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. دۇنيا مىقياسىدا ئادالەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىمىز سايىسىدا رادىكالىزم خىرىستىيانلاشماسلىقى، ئىسلاملاشماسلىقى، بۇددىستلاشماسلىقى، يەھۇدىيلاشماسلىقى كېرەك.

دۇنيا مىقياسىدا ئادالەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقارمايدىغان بولساق، پەقەت ئۆز مىللىتىمىزگە ۋە ئۆز زېمىنلىرىمىزدىلا ئادالەت ئورنىتىشقا تىرىشىدىغان بولساق، دۇنيامىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قېلىشىدىن قورقىمەن. چۈنكى، دۇنياۋى ئۇچۇر – ئالاقە ۋە ئىلىم – پەن دەۋرىدە ئادالەتسىزلىكلەر، زۇلۇملار ناھايىتى تېز ئاشكارىلانماقتا، ئىنسانلارنىڭ بۇلارغا سەۋر قىلىش دەرىجىسى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

11 – سېنتەبىردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، دائېش ھۇجۇملىرى تۈپەيلى پارىژ، لوندون ۋە ئەنقەرەدە، تاررانت جامە ھۇجۇمى سەۋەبى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيەدە، نۆۋەتتە چېركاۋ ھۇجۇملىرى بىلەن سىرىلانكادا بولغىنىدەك، ئىنسانىيەت ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىلا يەردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا شاھىت بولماقتىمىز. قايسى دۆلەتتە ياشايدىغان بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ ھۇجۇملار ئالدىدا ھاياتىمىز كۈنسېرى تېخىمۇ خەۋپلىك نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە. شۇڭا، بىر تەرەپتىن ئادالەت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن نېمە نامىدىن قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت ئائىلىسى سۈپىتىدە تېررورغا قارشى ئىزچىل ھالدا ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز لازىم. تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ بەزىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش، ئۆتكۈزۈۋېتىش ھاياتىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر خەۋپكە ئىتتىرىشتىن باشقا مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر