23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

1188165
23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى

+  تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1920 – يىلى 23 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان كۈن بولۇپ، كېيىن «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

23 – ئاپرېل، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق بايرىمى كۈنى سۈپىتىدە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن تەبرىكلىنىشى ۋە «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» دا دادىسى شېھىت بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆڭكىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، «مىللىي بايرام»  كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

بۇ بايرام تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تەنتەنىلىك ھالتا تەبرىكلەنمەكتە. جۈملىدىن، ئۆسمۈرلىرىمىز ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەردە ئائىلىلەر بىلەن ئۇچراشماقتا ۋە بۇ قۇتلۇق بايرامنى چەكسىز شاد – خۇراملىق ئىلكىدە تەبرىكلىمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر