زەيتۇن يېغىلىق باقلا

«زەيتۇن يېغىلىق باقلا» ئېتىش ئۇسۇلى

1187738
زەيتۇن يېغىلىق باقلا

زەيتۇن يېغىلىق باقلا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، تۈرك ئاشخانىلىرىدا گۆشسىز ئېتىلىدىغان «زەيتۇن يېغىلىق باقلا» نى تونۇشتۇرىمىز. بۇ تائامغا بۇنداق ئىسىم قويۇلۇشىنىڭ سەبەنى،  قايسى ياغ بىلەن ئېتىلىدىغانلىقىدىن ئەمەس، تۈرىنىڭ شۇنداق بولغانلىقىدىندۇر. دەرۋەقە، كۆتتات ۋە پۇرچاقلاردىن ئېتىلىدىغان تائاملارنىڭ ھەممىسىدە زەۇتۇن يېغى ئىشلىتىلىدۇ. زەيتۇن يېغى بىلەن ئېتىلىدىغان تائاملار تۈرك ئاشخانىلىرىدا ئاساسلىق يېمەكلەردىنمۇ بەكرەك قوشۇمچە تائام ياكى مەزە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

پۇقچاقلار ئائىلىسىگە تەۋە بىر كۆكتات بولغان «باقلا» ھەم يېڭى شەكلى، ھەم قۇرۇتۇلغان شەكلى بىلەن تۈرك تائاملىرىنىڭ ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغان يېمەكلىكلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە «زەيتۇن يېغىلىق باقلا» ھەققىدە مەلۇمات برىمىز.

::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

«زەۇتۇن يېغىلىق باقلا» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر كىلوگىرام پۇرچاق
  • ئۈچ دانە پىياز
  • بىر چىش سامساق
  •  يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • بىر قوشۇق ئۇن
  • يېرىم قوشۇق لىمون سۈيى
  • بىر يېرىم ئىستاكان ئىسسىق سۇ
  • بىر چاي قوشۇقى تۇز
  •  5 – 6 تال قارىكۆز بەدىيان
  •  

«زەيتۇن يېغىلىق باقلا» ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • ئالدى بىلەن، پۇرچاقلارنى يۇيۇپ، بېشىدىكى ۋە ئاستى تەرەپلىرىدىكى قاتتىق قىسىملىرىنى تاشلىۋېتىڭ، ئاندىن ئۇنى ئىككى – ئۈچ پارچىغا بۆلۈڭ.
  • پۇرچاقلار قارىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى لىمونلۇق سۇغا قويۇڭ.
  • ئالدى بىلەن، پىيازلارنى، ئاندىن، سامساقلارنى يېرىم ھالقا شەكلىدە ئىنچىكە توغراڭ.
  • پىياز بىلەن سامساقنى قازانغا سېلىپ، 4 – 5 مىنۇت قورۇڭ.
  • ئارقىدىن ئۇن ئىلاۋە قىلىپ، قورۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، پۇرچاقلارنى سۈزۈڭ ۋە پىيازلارنىڭ ئۈستىگە ئىلاۋە قىلىڭ، ئاندىن ئۈستىگە شېكەر، تۇز، لىمۇن سۈيى ۋە ئىسسىق قوشقاندىن كېيىن، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېىپىڭ. ئارقىدىن پەس ئوتتا تاكى پۇرچاقلار يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ.
  • پۇرچاقلار پىشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە قارىكۆز بەدىياننى سېپىڭ.   


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر