بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسى

تۈركىيەدە ساياھەت 2019/16

بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسى

بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسى

 

بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

***** **** *****

تۈركىيەنىڭ مارمارا رايونىدا ئەسلىدىكى تارىخىي كۆرۈنىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى بۇزماي ساقلاپ كەلگەن ھەقىقي قەدىمىي ئۆيلەر ۋە كوچىلاردىن شەكىللەنگەن جۇمالىكىزىك ناملىق گۈزەل بىر يېزا بار. «ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە يېزا تۇرمۇشى قانداق ئىدى؟» دەپ قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ساياھەت قىلىدىغان مەركىزى.

بۇرسا ۋىلايىتىگە تەۋە جۇمالىكىزىك بىلەن بۇرسا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا 2014يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ رايون ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلىشىغا شاھىت بولغانلىقى نۇقتىسدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ھېسابلىنىدىغان بۇ رايوندا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 6 جاي بولۇپ، بۇلار ئورخان غازى كۈللىيەسى ۋە ئەتراپىدىكى بازار رايونى، خۇدۋەندىگار كۈللىيەسى، يىلدىرىم كۈللىيەسى، مۇرادىيە كۈللىيەسى ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسىدىن ئىبارەتتۇر. 

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى پايتەختى بولغان بۇرسا 14ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە سودا ئىقتىساد جەھەتتىن ئىزچىل تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئوسمانلى دەۋرىدە شەھەرگە ئونلىغان چوڭ جامە، مەدرىسە، مەقبىرە، بازار، ھاممام، پاراۋانلىق ئورنى، شىپاخانە ۋە ئۈستى يېپىق ماتاچىلىق بازارلىرى ياسالغان ئىدى. بۇرسانىڭ شەھەرلىشىش شەكلى كېيىن قۇرۇلغان ئوسمانلى تۈرك شەھەرلىرىگىمۇ ئۈلگە بولغان ئىدى.  بۇرسانىڭ دۇنيا مىراسىمى تىزىملىكىگە كىرىشىگە سەۋەب بولغان تارىخقا باي قۇرۇلمىسى بولسا، بىر ئانادولۇ دۆلىتىنىڭ دۇنيا ئىمپېرىيەسىگە ئايلىنىشىغىچە بولغان جەرياننى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئىزلارغا تولۇپ تاشقانلىقىدۇر. بۇ يەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تەخمىنەن 700 يىللىق تارىخىدا ياسالغان قۇرۇلۇشلىرى جەھەتتىن ئىنساننى گويا تارىخ سەيلىسىگە چىقىرىدۇ. 

بۇرسانىڭ شەھەر مەركىزىدىن 13 كېلومېتىر يىراقلىقتا ئۇلۇتاغ ئېتەكلىرىگە جايلاشقان جۇمالىكىزىك يېزىسى ھەم تارىخىي قۇرۇلۇش شەكلىنى، ھەم ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش شەكلىنى بۈگۈنگە قەدەر ئۆز پىتى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئەڭ دوسلەپكى ئوسمانلى دەۋرى قۇرۇلۇش شەكلىنى ھازىرغىچە ياشنىتىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە ئۆيلەر، يامغۇر ياغقان كۈنلەردە سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئوتتۇرى قانال تەززىدە تاش ياتقۇزۇپ ياسالغان كوچىلار ۋە ئەنئەنىۋىي قۇرلۇشلىرى بىلەن خۇددى بىر ئۈستى ئوچۇق مۇزىيغا ئوخشايدۇ. خىش ئۆيلەر، رەڭگارەڭ تاملار، كوچىلاردىكى چەشمىلەر بىلەن زىيارەتچىنى گويا بۈگۈنكى دەۋردىن ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۆتمۈشكە باشلايدۇ.

جۇمالىجىك ھەر يىلى مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا تىرىقچىلىق ئىشلىرى بۇزۇلماستىن داۋاملاشماقتا. يېزا خەلقى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يېزا مەيدانىدىكى سۇپىلاردا بازارغا سېلىپ كەلمەكتە.

بۇرسانى زىيارەت قىلماقچى بولغان تىڭشىغۇچىلىرىمىزغا تەۋسىيەمىز شۇكى، ئاجايىپ كۆركەم تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن ئۇلۇتاغنى كۆرمەي، شىپالىق سۇلىرى بىلەن تونۇلغان ئارشاڭلىرىغا بارماي، بۇرسانىڭ يېپەكلىرىدىن ئالماي، ئاتاقلىق ئەنئەنىۋىي تاماقىلىرىدىن ئىسكەندەر كاۋىپى، كامال پاشا تاتلىق تۇرىمى ۋە كاستانە (ياۋا ياڭاق) ھالۋىسى قاتارلىقلارنى تېتىپ باقماي تۇرۇپ ھەرگىز كېتىپ قالماڭ. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا بۇرسا ۋە جۇمالىكىزىك يېزىسىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.

 

 

 

 

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر