رىۋاندا قىرغىنچىلىقى

تۆۋەندە ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «رىۋاندا قىرغىنچىلىقى» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1180698
رىۋاندا قىرغىنچىلىقى

رىۋاندا قىرغىنچىلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 1948 – يىلىدىكى  ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مىللىي، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى دىنىي بىر قاتلامنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشنى نىشان قىلغان ھالدا سادىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەرقانداق بىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قىلمىشلارنى مۇئەييەن قاتلامغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى؛ ئېغىر شەكىلدە جىسمانىي ياكى زېھنىي زىيانكەشلىك قىلىنىشى؛ تەلتۆكۈس ياكى قىسمەن شەكىلدە ماددىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى كۆزلەپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ قەستەن ئۆزگەرتىلىشى؛ ئۇلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى؛ ئۇ گۇرۇپپىغا مەنسۇپ بالىلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا بىر گۇرۇپپىغا قوشۇۋېتىلىشى دېگەندەك كاتېگورىيەلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئەسلىدە 1944 – يىلى پولشالىق يەھۇدىي رافائېل لېمكىن ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان سىستېمىلىق يوقىتىپ تاشلاش پىلانىغا ئېنىقلىما بەرگەن تەتقىقاتىغىچە دۇنيادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەيدىغان بىر ئاتالغۇ يوق ئىدى. رافائېل لېمكىن، ئىرق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان گىرېكچە «geno» دېگەن سۆزنى، ئۆلتۈرۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان گىرېكچە «cide» دېگەن سۆز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «genocide» (ئىرقىي قىرغىنچىلىق) دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۇقۇم گەرچە ئاساسلىقى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىغا ئېنىقلىما بېرىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە مەزكۇر دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاساسلىقى غەرب سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتا ئىشلىتىمەكتە.

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. رىۋاندا قىرغىنچىلىقى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا قىرغىنچىلىقىدىن ئىلگىرىكى ئىنسانىيەت تارىخى شاھىت بولغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قىرغىنچىلىق بولسا كېرەك.

 

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: بېلگىيەمۇ پارچىلاپ باشقۇرۇش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى

 

رىۋاندانىڭ تارىخى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇستەملىكە قىلىنغان باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. رىۋاندا ئالدىدا گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. گېرمانلارنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىدىن كېيىن بېلگىيە ئىشغال قىلىۋالدى.

رىۋاندانىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش شەكلىمۇ باشقا مۇستەملىكىلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. بېلگىيەنىڭ رىۋاندادىكى قىلمىشلىرى ئەنگلىيەنىڭ پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى ئىدى. بېلگىيەمۇ باشقا كۆپلىگەن ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاشلا ئىمپېرىيالىست تۈزۈملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاز سانلىقلارنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. بۇ مەقسەتتە گېرمانىيە باشلىغان كۆپ سانلىقتىكى خۇتۇلارغا قارشى تۇتسىلارغا تايىنىش ئىستراتېگىيەسىنى ۋە تۇتسىلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتە تېخىمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى قارىشىنى ياقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇرۇن يۈز يىللار بويىچە يانمۇيان ياشاپ كەلگەن تۇتسى ۋە خۇتۇ قەبىلىلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىنىدۇ.

بېلگىيەنىڭ بۇ پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلەت مۇستەقىل بولغۇچە بولغان جەرياندا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان تۇتسىلار تەرىپىدىن زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە بېسىم بىلەن باشقۇرۇلدى. رىۋاندا 1961 – يىلى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندە  بولسا، ھاكىمىيەت خۇتۇلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. 1950 – يىللاردىن كېيىن بېلگىيە خۇتۇلارنى قوللاشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئۇزۇن يىللار بويىچە باستۇرۇلۇشقا، ئېزىلىشكە دۇچ كەلگەن خۇتۇلار ئۆزلىرىگە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنى تۇتسىلارغا يۈرگۈزدى.

 

1994 – يىلى 1 مىليون ئادەم قىرغىن قىلىندى...

 

ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان تۇتسىلار  بىلەن كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان خۇتۇلار ئارىسىدىكى سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلار 1994 – يىلىغىچە داۋاملاشتى. 1994 – يىلى خۇتۇ قەبىلىسىگە مەنسۇپ پىرېزىدېنت خابيارىمانا تۇتسىلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدۇ. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۇتسىلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ۋە گېپى ئۆتىدىغان ھالەتكە كېلىدىغان بولىدۇ. لېكىن، خابيارىمانانىڭ ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ.

تۇتسىلارنى پىرېزىدېنتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىغان خۇتۇلار، قورقۇنچلۇق قىرغىنچلىق ئېلىپ بارىدۇ. يۈز كۈن ئىچىدە بىر مىليونغا يېقىن تۇتسى ۋە مۆتىدىل خۇتۇ قەتل قىلىنىدۇ. بۇ، كۈندە ئوتتۇرىچە 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى دېگەنلىك بولىدۇ. دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە تاراتقۇلىرىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن قەتلىئامدا ئاپتوماتىك قوراللار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاشقۇن خۇتۇلار قىلىچ شەكىللىك پىچاقلار بىلەن يۈز مىڭلارچە ئىنساننى قەتل قىلىدۇ، كۆيدۈرىدۇ، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. بېلگىيە تەرىپىدىن پارچىلاش مەقسىتىدە تۇتسى ۋە خۇتۇ كاتېگورىيەسى بويىچە بەرگەن كىملىك كارتىلىرى، تۇتسىلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلۈشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. قىرغىنچىلىق ئارىدىن يۈز كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇتسىلار تەشكىل قىلغان رىۋاندا ۋەتەنپەرۋەرلەر فىرونتىنىڭ پايتەختكە كىرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

 

ب د ت بىگۇناھ كىشىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى

 

قىرغىنچلىق باشلىغان كۈنلەردە رىۋاندادا ب د ت نىڭ 2500 كىشىدىن تەركىب تاپقان تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرى بار ئىدى. ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تۇتسىلارنىڭ قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ سىغىنىدىغان بىردىنبىر پاناھگاھى ھېسابلىناتتى. لېكىن، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى 1995 – يىلى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا، سېرىبرىنېتزادا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلارغا تۇتقان پوزىتسىيەدىن پەرقلىق بولمىدى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 2500 بولغان ئەسكەر سانى 250 كە قىسقارتىلدى. گوياكى سېرىبرىنېتزادىمۇ شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل گوللاندىيەلىك ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قوماندانى توم كاررېمانسنىڭ ئۆزىدىن پاناھلىق تىلىگەن 25 مىڭ كىشىنى ۋە شەھەرنى سېرىبلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش بولدى.

 

فىرانسىيەنىڭ رولى...

 

رىۋاندا پىرېزىدېنتى كاگامې، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە سىياسىي تەييارلىق قىلغۇچىلىرى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزلەرنى سۇنماقتا.

رىۋاندادىكى كاتولىك چېركاۋى، چېركاۋنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئوينىغان رولى تۈپەيلى رىۋاندانلىقلاردىن كەچۈرۈم سورىدى.

رىۋاندا مەملىكەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، 2016 – يىلى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى ۋە تىل بىرىكتۈرگۈچىلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش ئىشتاب باشلىقى جاكۇئېس لانكسېيد قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك 22 نەپەر فىرانسۇز ئوفىتسېرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى. فىرانسۇز ئوفىتسېرلار قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

فىرانسىيە، 1994 – يىلى 23 – ئىيۇندا دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت باشلايدۇ. بىراق فىرانسىيە، قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئورنىغا قىرغىنچلىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەپ، رىۋاندا ۋەتەنپەرۋەرلەر فىرونتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. فىرانسۇز ژۇرنالىست سائىنت – ئېگزۇپېرىي، خۇتۇلارنى قوراللاندۇرۇش يوليورۇقىنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ پىرېزىدېنتى فرانچوئىس مىتتېراندنىڭ باش كاتىپى خۇبېرت ۋېدرىننىڭ يازما بۇيرۇقىغا ئاساسەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى فرانچوئىس مىتتېراندنىڭ 1998 – يىلى لې فىگارو گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى «ئۇ دۆلەتلەردە بىر قىرغىنچلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئۇنچىۋالا مۇھىم ئىش ئەمەس» دېگەن سۆزلىرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتۇر.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر تۈپەيلى، ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پىرېزىدېنت ماكرون 2019 – يىلى ئاپرېلدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر كومىتېتقا ئىقتىدارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمەس، فىرانسىيە تەرەپ «مۇۋاپىق» دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى ئەيىبلىمەكتە.

بېلگىيە بىلەن فىرانسىيە جاۋابكار، دەپ قارىلىۋاتقان رىۋاندا قىرغىنچىلىقى تېخى 25 يىل ئىلگىرىكى ئىش. برېنتون تاررانتنىڭ جۈمە نامىزى ئەسناسىدا 50 مۇسۇلماننى قەتل قىلىشى بولسا، تېخى ئۆتكەن ئاي يۈز بەردى. كۆپىنچە ھاللاردا ئىمپېرىيالىزم تارىختا قالدى، مەن تاررانتىزم دەپ ئاتاۋاتقان ئاق تەنلىك ئىرقچىلىق تېررورى، ناتسىزمى دەۋرىمىزدە يوقالدى،  دەپ ئويلايمىز. مۇشۇنداق ئويلاش بەلكى ئىنسان بولۇشىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر. چۈنكى، بۇ خىل شەپقەتسىزلىكلەرنىڭ تارىختا قالغان بولۇشىنى ئۈمىد ۋە ئارزۇ قىلىمىز. بىراق بىز قانچىلىك ئۇنۇتساق ئونۇتايلى، ئىمپېرىيالىست نىيەتلەر، ۋەيران قىلغۇچ ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ مۇددىئالىرى يېپ – يېڭى ھالەتتە تۇرماقتا. بىزنى بۇنى ئىزچىل ئەسلىتىپ تۇرماقتا. ئۇلار نۆۋەتتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قان تۆكەلەيدىغان تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە. بىز  بولساق - ئىنسانلىق ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن – ۋەھشىيلىك غەرب مەركەزلىك بولغىنىدا، بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ زەئىپ قارشى تۇرۇشقا، تېخىمۇ ئاز كۆرۈش ۋە تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىدە نارازى بولۇش مايىللىقىغا ئىگىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر