چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسى

تۈركىيەدە ساياھەت 2019/15

1178312
چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسى

چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسى

 

چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسىنى تونۇشتۇرىمىز.

تۈركىيەدە ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايونلار بار. چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولگىيەلىك ساھەسىمۇ دەل شۇلاردىن بىرسى.

چاتالھۆيۈك 9500 يىل ئىلگىرىگە تۇتىشىدىغان تارىخى جەريانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ھەم ئىجتىمائىي، ھەم مەدەنىيەت بۇرۇلۇشلىرىغا دائىر تەڭداشسىز پاكىتلارنى سۇنىدۇ. بۇ جاي ئىنسانلارنىڭ تىرىقچىلىق ۋە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلىكىگە شاھىت بولغان تەڭداشسىز بىر ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقات رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئانادولۇدىكى كونيا ۋىلايىتىنىڭ جۇمرا ناھىيەسىدىن 11 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان چاتالھۆيۈك ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئولتۇراق رايونلىرىدىن بىرسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 8000 كىشىلىك نوپۇسى بولغانلىقى مەلۇم. تولىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنغان بۇ يېقىنقى زامان تاش دەۋرىگە تەۋە ئولتۇراق رايوننىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسى ھېسابلىنىدىغان ئانتىك شەھەرنىڭ ئىسمى، غەربىي ۋە شەرقىي تەرىپىدىكى 2 تۆپىلىكىدىن كەلگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن 2012يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلەن ئىدى.

يادىكارلىقلارنىڭ يەر تەۋرەش ۋە ئۇرۇشلار تۈپەيلى ئۈستى ئۈستىگە يېقىلىپ جۇغلىنىشى سەۋەبىدىن تۆپىلىكلەر شەكىللەنگەن بولۇپ، شۇڭا بۇ يەردە ئوخشاش بولمىغان تارىخلارغا ئىگە ئارخىئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار تېپىلىپ تۇرىدۇ. چاتالھۆيۈكتىكى شەرقىي ۋە غەربىي تۇپىلىكلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشمايدۇ. شەرقىي تۆپىلىكتىكى قىزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 18 يېقىنقى زامان تاش دەۋرىگە ئائىت ئولتۇراق رايون قاتلىمى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7000 - يىللارغا تۇتىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان. بۇ قاتلاملاردا ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان يادىكارلىقلار ۋە مەلۇماتلار تېپىلغان. بىناكارلىق سەنئىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم بىر ئارخىئولوگىيەلىك ئارخىپ شەكىللەنگەن.

غەربىي تۇپىلىكلەر بولسا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6000يىللارغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، تۇچ دەۋرىگە يېقىن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. غەربىي تۇپىلىكلەردە شەرقىي تۆپىلىكلەرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى كۈلتۈرسىمان قۇرلۇشلارنىڭ ئۆز پىتى داۋاملاشقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تۆپىلىكلەر تەخمىنەن 14 گېگتار زېمىنغا يېيىلغان بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇراق رايون بولۇپ كەلگەن.

چاتالھۆيۈكتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەجىمى ۋە ئولتۇراق تەرتىپى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ئېڭىنى ئاساس قىلغان ئەڭ دەسلەپكى شەھەرچىلىك ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى چوڭ كېچىكلىكىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ۋە تۇرۇسقا ئېچىلغان بىر كۈنگىرىدىن شوتا ئارقىلىق ئىچىگە كىرىلىدىغانلىقىدۇر. ئۆيلەر بىر بىرىگە تۇتاش ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ تەخىمىن قىلىنغان سەۋەبى، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ كوللىكتىپ تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى دەپ قارىلىدۇ.

تاملىرىدا گېئومېتىرلىق شەكىللەر، يۇلتۇزلار، گۈل چېچەكلەر، ئاۋ، ئۇسۇل، كالا، كېيىك ۋە قوشقار رەسىملىرى بار.  چاتالھۆيۈكنىڭ تۇچ دەۋرىگە ئائىت شەھىرىدە ئۆيلەر ئارقىمۇ ئارقا سېلىنغان بولغاچقا كوچا يوق. ئۆگزىلىرى كوچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. 

قىزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چاتالھۆيۈكتا تۇنجى ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ ئاۋچى خەلق ئىكەنلىكى، كېيىنچە تىرىقچىلىققا ئۆتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇغداي، ئارپا ۋە كۆك پۇرچاق تىرىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پادىچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقى، ئېنەك ۋە قويلارنى ئڭ دەسلەپ كۈندۈرۈشنى باشلىغانلىقى مەلۇم.

شەرقىي تۆپىلىكتە ئېلىپ بېرىلغان قىزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان ئانا تەڭرىلەرنىڭ ھەيكىلى تېپىلدى. پىشۇرۇلغان قىل، مەرمەر ۋە تاشتىن ياسالغان ھەيكەللەرنىڭ بويى 5 سانتىمېتىردىن 15 سانتىمېتىر ئارىسىدا بولۇپ، چاتالھۆيۈكتىكى تەكشۈرۈشلەر ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

مىڭلىغان يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە شەھەلىرىگە قىزىقىپ، كونياغا كېلىدىغانلارغا ئانادولۇنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئەڭ باي بۇ شەھىرىدىكى مۇزىيلارنى، جامىلەرنى، ئۈستى يېپىق بازارلىرىنى، بولۇپمۇ مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى مۇزىيىنى چوقۇم زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. قولدا توقۇلغان ھەر خىل بويۇملارنى سېتىۋېلىشنى ۋە كونيانىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىنى تېتىپ بېقىشنى قەتئىي ئۇنتۇماڭ!

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا چاتالھۆيۈك يېقىنقى زامان تاش دەۋرى ئارخىئولوگىيە ساھەسىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر